بالىڭىز تاماق يېگىلى ئۇنىمىسا

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بالىلارنىڭ دىققىتىنى يىغىش ۋاقتى چەكلىك بولغاچقا، ئۇلار تاماق يېگەندە ئۇياق -بۇياققا قاراپ تاماق يېگىلى ئۇنىمايدۇ. ئاتا-ئانىلار بۇ چاغدا بالىنى ئالداش، ئۇنى كۈلدۈرۈش ئارقىلىق بىر نەچچە قوشۇق تاقامنى ئارتۇق يېگۈزۈشكە ئۇرۇنماسلىقى كېرەك . بالا تاماق يەۋاتقاندا ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇپ ۋاراڭ-چۈرۈڭ قىلماسلىقى، تېلېۋىزورنىڭ ئاۋازىنى يۇقىرىلىتىۋەتمەسلىكى كېرەك. چۈنكى بۇنداق بولغاندا بالىنىڭ دىققىتى تېخىمۇ چېچىلىپ تاماققا رايى بارمايدۇ . ئادەم قورسىقى ئاچقاندا تاماقنى ھۇزۇرلىنىپ يەيدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا قورسىقى ئاچقانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن قەرەللىك تاماق بېرىشكە ئادەتلىنىشى كېرەك. بالا تاماقنى كۆپ يېمىسە، مەجبۇرىي يېگۈزمەسلىكى، كېيىنكى قېتىملىق تاماقنى ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ بىر كۈنلۈك تاماق مىقدارى ئازلاپ كەتسىمۇ، كېيىن بالىدا ياخشى تاماق يېيىش ئادىتى يېتىلىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر