بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەش توغرىسىدا دېمىسەك بولمايدىغان گەپلەر

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/06 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ھەر يىلى باھار پەسىلىدە، دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۇلۇن سۇر ماددىسى ياللۇغى ۋە قىزىلغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. بۇ چاغلاردا دائىم دېگۈدەك بەزى قۇلۇم قوشنىلاردىن ياكى تونۇش-بىلىشلەردىن پوكۇنچىنىڭ بالىسىغا ۋاكسىنا ئەملىتىپتىكەن مۇنداق بولۇپتۇ يەي، ئىچكىردىكى پالانى ۋاكسىنا زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان ۋاكسىنىلارنىڭ سۈپىتىدىن چاتاپ چىقىپتۇمىش... دېگەندەك ۋاكسىنا ئەملەتمەسلىك توغرىسىدىكى ئەپقاشتى گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ قالىمىز. دېمىسىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تاراتقۇلار بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن يۈز بەرگەن بىخەتەرلىك مىساللىرىنى پات-پات ئاشكارىلاۋاتقان بولۇپ، بۇ نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلاردا زادى ۋاكسىنا ئەملىتىش ياكى ئەملەتمەسلىك توغرىسىدا گۇمانى كۆز قاراشلارنى پەيدا قىلىپ قويغان. ئۇنداقتا ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن بالىلار چوقۇم كېسەل بولمامدۇ؟ بالىلارغا قانداق ئەھۋاللاردا ۋاكسىنا ئەملەشكە بولمايدۇ؟ ۋاكسىنا ئۇرغاندىن كېيىن بالىلاردا پەيدا بولغان قايسى ئەھۋاللار نورمال، قايسىلىرى نورمال ئەمەس؟ يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە قارىتا، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تۆۋەندە بىر قىسىم قوللىنىشچان ئۇچۇرلارنى رەتلەپ ئېلان قىلدۇق. ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەمەلىيەتتە ۋاكسىنا ئىنتايىن بىخەتەر، ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىنكى بەزى ۋاقىتلىق تەسىرلەر، مەسىلەن، بىلەك ئاغرىش، يېنىك قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال. كىشىلەر نەزەرگە ئېلىۋاتقان ۋاكسىنىنىڭ خەتىرىنى ۋاكسىنا ئالدىنى ئېلىۋاتقان كېسەلنىڭ خەتىرىگە سېلىشتۇرغاندا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. مەسىلەن، يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى بالىلاردىكى پالەچلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قىزىل مېڭە ياللۇغى ئەمالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، غالجىرلىق كېسىلى شەرتسىز ھالدا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەنسە، بۇلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ۋاكسىنىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن، پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلاردا ۋاكسىنىدىن قورقۇش كېسىلى پەيدا بولۇپ قالغان. ھەر خىل ياخشى بولمىغان ئۇچۇرلار سەۋەبىدىن بالىغا ۋاكسىنا ئەملەشنى كەينىگە سۈرۈش ياكى بالىنىڭ ۋاكسىنا ئەملىتىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويۇش سەۋەبلىك ھەر يىلى نۇرغۇنلىغان بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
خوش ئۇنداقتا، بالىلارغا نېمە ئۈچۈن ۋاكسىنا ئەملىنىدۇ؟
1. بالىلارغا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىش بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم تەدبىر، ئۇ بالىلارنى ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە ئاسان يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولۇشتىن ساقلايدۇ.
2. ۋاكسىنىنى يۇقۇملۇق كېسەللەر تارقىلىشتىن ئىلگىرى ئەملەتكەندە ئاندىن رولى بولىدۇ.
3. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ چۈشەندۈرشىگە ئاساسلانغاندا، ۋاكسىنا ئەملەش نۆۋەتتىكى ئەڭ ئىقتىسادچىل، ئەڭ ئۈنۈملۈك ساغلاملىق تەدبىرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر يىلى ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق 3-2 مىليۇن ئادەمنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىك تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
4. ئەگەر ۋاكسىنا ئەملەش توختىتىلسا، يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋە قىزىلغا ئوخشاش ئادەتتە كۆپ كۆرۈلمەيدىغان كېسەللىكلەر قايتىدىن پەيدا بولۇپ يامراپ بالايىئاپەتكە ئايلىنىدۇ.
5. بوۋاقلار تۇغۇلۇپ 24 سائەت ئىچىدە ئەملىتىدىغان كالمىت گۋېرنى ۋاكسىنىسى ۋە B تىپلىق جىگەر كېسىلى ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىش ئىنتايىن مۇھىم.
6. ۋاكسىنا ئەملەش ئاساسەن ئېغىر ئاقىۋەت ياكى كېسەللىنىش ئېلىپ كەلمەيدۇ.

قانداق ئەھۋال ئاستىدا بالىغا ۋاكسىنا ئەملىتىشكە بولمايدۇ؟
ئادەتتە بالىلارغا ئەملىگەن ۋاكسىنا ئاكتىپ مۇداپىئەلىنىش شەكلىدىكى ۋاكسىنا بولۇپ، بۇ خىل ۋاكسىنىنىڭ رولى بىر قەدەر ئۇزۇن، بەدەننىڭ ئۆزىنىڭ قارشى تۇرۇش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق كېسەلگە تاقابىل تۇرىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەتكەن «مانىۋېر» جەريانىدا، گەرچە «دۈشمەن» نىڭ «ئوقى» يوق ياكى ئۆلتۈرۈش كۈچى بىر قەدەر ئاجىز بولسىمۇ، لېكىن ئەگەر بالىنىڭ بەدىنى بىر قەدەر ئاجىز ھالەتتە تۇرغاندا ۋاكسىنا ئەملىسە ناھايىتى ئاسانلا ياخشى بولمىغان ئالامەتلەر بولىدۇ، ھەتتا ئۆلۈم ئەھۋاللىرى چىقىشى مۇمكىن.
1.  زۇكام بولغان، قىزىپ قالغان، قۇسقان، ئىچى سۈرگەن ئەھۋاللار بار بولغان بالىغا مۇداپىئە ئوكۇلى ئۇرغاندا بەلكىم كېسلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا بالىنىڭ كېسىلى ياخشىلانغاندىن كېيىن مۇداپىئە ئوكۇلى ئۇرغۇزۇش كېرەك.
2. ئاچ قورساق ياكى بەك توق ھالەتتە ۋاكسىنا ئەملەشكە بولمايدۇ. ئادەتتە ۋاكسىنا ئەملەشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن تاماق يېگۈزۈش كېرەك. بىر قىسىم ۋاكسىنىلارنىڭ تەلىپىدە ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن يېرىم سائەت ئىچىدە بالىغا سۇ ياكى سۈت بېرىشكە بولمايدۇ.
3. زىققا كېسىلى، ھۆل تەمرەتكە بولغان ياكى سەزگۈر بەدەنلىك بالىلارغا ئاسانلا زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى يۈز بېرىدۇ، يەنە بۇنىڭدىن باشقا ئالاھىدە بولغان كېسەللىكلەر بار ئىكەن. شۇڭا ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇشتىن بۇرۇن چوقۇم ئېنىق سوراش كېرەك.

ۋاكسىنا ئەملەشتە دىققەت قىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك ئىشلار
نۇرغۇنلىغان ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەلىرى ئۆلچەملىك بولمىغان داۋالاش ئورۇنلىرىدا ئېلىپ بېرىلغاچقا كېلىپ چىققان. شۇڭا، ۋاكسىنا ئەملەشتىن بۇرۇن، ئائىلە باشلىقلىرى ئىنچىكىلىك بىلەن ۋاكسىنا ئەملەش ئورۇنلىرىنىڭ داۋالاش سۈپىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
ۋاكسىنا ئەملىتىشتىن بۇرۇن: بالىنىڭ تەن سالامەتلىك ئەھۋالىغا قارىتا باھالاش قىلىش كېرەك. ئەگەر قىزىش، زۇكام قاتارلىق ئالامەتلەر بولسا دوختۇر بىلەن كېلىشىپ كېيىنكى قېتىمدا ئەملەش كېرەك.
ۋاكسىنا ئەملەۋاتقاندا: يېشى چوڭراق بولغان بالىنىڭ مۇداپىئە ئوكۇلىنى باشتا ئۇرۇش كېرەك. بالىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەش، بەك يىغلاپ كەتسە دىققىتىنى تارتىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىش، مۇشۇ ئارقىلىق بالىنىڭ ئوكۇل ئۇرغاندىكى ئاغرىق ئازابىنى يېنىكلىتىش كېرەك.
ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن: بالىنى زىيادە ئورىماسلىق ياكى بەك نېپىز كىيىندۈرمەسلىك كېرەك. بۇنىڭدا تەر چىقىش ياكى سوغۇق ئۆتۈپ قېلىپ كېسەل بولۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ۋاكسىنا ئەملەپ يېرىم سائەت ئىچىدە؛ ۋاكسىنا ئەملىگەن يەردە تۇرۇپ بالىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىش لازىم.
ۋاكسىنا ئەملىگەن كۈنى: بالىنى يۇيۇندۇرماسلىق كېرەك. بۇ بالىنىڭ زۇكام بولۇشىدىن ياكى يارا ئېغىزىنىڭ يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. بالىغا پات-پات سۇ تولۇقلاپ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان تاماقلارنى بېرىش كېرەك.
ۋاكسىنا ئەملەپ ئۈچ كۈن ئىچىدە: بالىنى ناھايىتى قاتتىق كۆزىتىش لازىم. ئەگەر بالىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.
ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىنكى نورمال ئالامەتلەر
ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن 3.85 گىرادۇستىن تۆۋەن قىزىش، ئوكۇل ئۇرغان جاي قىزىرىش ياكى قاتتىق مۇنەكچە پەيدا بولۇش نورمال ئەھۋال. بىر قىسىم ئوكۇل دورىسىدىن باشقا ئاتا-ئانىلار يارا ئېغىزىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قاتتىق مۇنەكچىنى يوقىتىشقا بولىدۇ.
ئەگەر داۋاملىق قىزىتمىسى ئۆزلىسە ياكى ئىششىسا، قاتتىق مۇنەكچە يوغىناپ كەتكەندە دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك. ئاتا-ئانىلارنىڭ كەينىگە سۆرىشى بىلەن بالىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىدىغان ھەتتا بالا ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ئىممۇنىتېت كۈچى بالىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان قالغانغا ئوخشايدۇ. ۋاكسىنا بولسا بۇ قالقاننى تېخىمۇ قېلىن ھەم مۇستەھكەم قىلىدۇ. مەيلى قانداق ۋاكسىنىنى تاللاڭ، ئائىلە باشلىقى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ۋاكسىنا ئەملەشتىكى ئاساسلىق بىلىملىرىڭىز بولۇشى، ئۆلچەملىك داۋالاش ئورنىنى تاللىشىڭىز، دوختۇر بىلەن ياخشى پىكىرلىشىشىڭىز ھەمدە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىز كېرەك.
بالىلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۈمىدى، بالىلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، دۇنيانىڭ ئەتىسى. شۇڭا بالىلارنىڭ ساغلاملىقى ناھايىتى مۇھىم. قېرىنداشلارنىڭ بۇ تېمىنى كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر