بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئىلھام بېرەيلى

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بالىلارنىڭ دۇنياسى رەڭگارەڭ بولىدۇ، دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇدات بالىلارنىڭ پاك قەلبىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلاردا سانسىزلىغان قىزىقىشلارنى قوزغايدۇ: دەرەخ نېمە ئۈچۈن يوپۇرماق تاشلايدۇ؛ بېلىق نېمىشقا سۇدا ياشايدۇ؛ نېمە ئۈچۈن ھايۋانلار چىقارغان ئاۋاز ئوخشاش بولمايدۇ، دېگەندەك. بىز ھەمىشە بالىلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەيئىلەرنى ئۇزاققىچە كۆزىتىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز، ئۇ قارىماققا ئادەتتىكى شەيئى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا تېگى – تەكتىنى بىلىش قىزغىنلىقى بولىدۇ. ئويلاشقا، سوئال سوراشقا قىزىقىش ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ دۇنيا توغرىسىدا دەسلەپكى قەدەمدىكى ئىزدىنىشى ھېسابلىنىدۇ. بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوغداشتا، يەنە بالىلارنى ئۆزى قول سېلىپ مەشغۇلات قىلىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچى مەقسەتلىك ھالدا بالىلارنى كۆزىتىشكە يېتەكلىشى، بالىلارغا قول سېلىپ ئىشلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى ۋە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىشى، بۇ ئارقىلىق بالىلارنى ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئۇسۇلدا ئىزدىنىشكە ۋە بايقاشقا يېتەكلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇتقۇچى يەنە ئائىلە باشلىقلىرىنى تۈرلۈك بايلىقتىن پايدىلىنىپ، بالىلار ئۈچۈن ئۆسۈملۈككە ئائىت ماتېرىياللارنى توپلاپ، بالىلارنىڭ قىزىقىش ۋە ئىزدىنىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىنىڭ تىرىشچانلىقى بالىلارنىڭ نەتىجە تۇيغۇسىنى ئويغىتىدۇ. ئوقۇتقۇچى بالىلارنىڭ ھەرىكىتى ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەت ئۈچۈن ئۇلارنى ئەيىبلىمەستىن، بەلكى بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوغداپ، بالىلارنى ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈشى لازىم.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر