بالىلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ھەركۈنى پەقەت 1 سائەت تەنھەرىكەت قىلىشنى قەتىئىي داۋاملاشتۇرۇش
سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يۇقىرى قان بېسىمىغا نىسبەتەن، بەدەن ئىغىرلىقىنى چۈشۈرۈشنى ئاساس قىلىپ داۋالاش ئېلىپ بىرىش كېرەك. بەدەن ئىغىرلىقىنى كونترول قىلىش قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن بەلكى يەنە قاندىكى ماينىڭ بىنورماللىقنى ۋە ئىنسۇلىن قارشىلىقىنى ئازايتىدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بەدەن ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچى (BIM، بەدەن ئېغىرلىقى ۋە ئېگىزلىكىنى ) %10 تۆۋەنلىسە، قان بېسىمى قىسقا مۇددەت ئىچىدە 8-10 مىللىمېتىر سىماب تۇۋرۈكى تۆۋەنلەيدىكەن.
1. تۈرلۈك تەنھەرىكەتنى ياقتۇرۇش
بالىلار تەبىيىتىدىنلا ئويۇن ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاتا - ئانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەقسەتلىك ھالدا بالىلارنىڭ بىرەر تۈرلۈك ھەرىكەتكە بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈشى ياخشىدۇر. بولۇپمۇ ئەسلىدىنلا ھەددىدىن زىيادە سەمىرىپ كەتكەن بالىلارغا نىسبەتەن، ۋاسكىتبول، پۇتبول، پەي توپ، تانا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يامان ئەمەس تاللاش بولالايدۇ. بالىلار تەنھەرىكەت قىلغان ۋاقىتتا، بەدەننى چىنىقتۇرۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە بالىلارنىڭ ئوچۇق-يورۇق، ئۈمىدۋار خاراكتېرىنى يىتىلدۈرگىلى، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
2. ھەمراھ تېپىش
بىرى بىلەن بىرگە تەنھەرىكەت قىلسا، بالىلارنىڭ تەنھەرىكەتكە بولغان قىزىقىشىنى ئوڭاي يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن كۆپرەك بەزى كوللېكىتىپ تەنھەرىكەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ، مەسىلەن ئىككى ئۈچ ئادەم بىللە توپ ئويناش دېگەندەك. بىرلىكتە تەنھەرىكەت قىلىش بالىلارنى مۇسابىقىلىشىشكە ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئۇندەيدۇ.
3. سائەت تەنھەرىكەت قىلىش
بۇ گوۋۇيۈەن چىقارغان «پۈتۈن خەلق بەدەن چىنىقتۇرۇش چارىسى» دا ئوتتۇرا باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىغا بەلگىلەنگەن ھەر كۈنى تەنتەربىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تىگىشلىك ۋاقىت بەلگىلىمىسى. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بالىلارنىڭ ھەر كۈنلۈك تەنھەرىكەت ۋاقتى 1 سائەتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك، بۇنداق بولغاندا بالىلارنىڭ ساغلام بەدەن ساپاسىنى ساقلاپ قالغىلى، يېيىش بىلەن ھەرىكەتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
يېمەكلىك تۇزسىز، شىكەرسىز، مايسىز بولۇش
يۇقىرى قان بېسىمىدىن يىراقلىشىش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئىشنى تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاش كېرەك. يېمەك-ئىچمەك بۇنىڭدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ، تۇز مىقدارىنى كونترول قىلىش ئەڭ مۇھىمدۇر. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنداق بەلگىلىگەن: ھەر بىر ئادەم ھەر كۈنى ئىستېمال قىلغان تۇز مىقدارى 6 گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بۇ يەردە دېيىلگەن 6 گرام، ئاش تۇزىنىلا كۆرسىتىپ قالماستىن يەنە تېتىتقۇ، جياڭيۇ قاتارلىقلار شۇنىڭدەك تەركىبىدە تۇز بولغان تېتىتقۇ، دورا-دەرمەكلەردىكى تۇز مىقدارىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بالىلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ ئاز بولۇشى كېرەك. ئەنگىلىيەلىك تەتقىقاتچى ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بالىلار بەك تۇزلۇق تاماقلارنى يېگەندە قان بېسىمى يۇقىرىلاپ كېتىدىكەن ھەمدە كېيىنچە يۈرەك كېسىلىگە ۋە شامالدارىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئاشىدىكەن.
شۇڭلاشقا، يېمەك-ئىچمەكتە « 3 ئاز » بولۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك: ئەڭ ياخشىسى بالىلار ئۈچۈن تۇز مىقدارىنىڭ يېرىمىنى ئازلىتىپ تاماق تەييارلاپ بېرىش كېرەك. بوۋاقلارنىڭ تامىقىغا بولسا تۇز سالماسلىق كېرەك. «غەربچە تېز تاماق» قاتارلىق ماي ۋە تۇز بىرقەدەر كۆپ بولغان يېمەكلىكنى بالىلارغا ئاز بېرىش كېرەك؛ كاربوناتلىق ئىچىملىك، كەمپۈت قاتارلىق زىيادە تاتلىق نەرسىلەرنى بالىلارغا بەرگەندە، ئەڭ ياخشىسى بەلگىلىك ۋاقىتتا، بەلگىلىك مىقداردا بېرىش؛ كەچتە ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىك؛ ئاشپۇزۇللارغا ئاز بىرىش؛ كۆپرەك يېڭى كۆكتات يەپ بېرىش؛ بالىلارنىڭ تەبىئىي يېمەكلىكلەرگە بولغان قىزىقىشىنى يىتىلدۈرۈش.
ئۆيدە قان بېسىم ئۆلچىگۈچ چوقۇم بولۇشى كېرەك
شوخ كەپسىزرەك بالىلار سالامەتلىكىدىكى بىنورماللىقنى ئاسانلىقچە بايقىيالمايدۇ، ھەم ئۆزىنىڭ ھېس-تۇيغۇسىنى بەك ئىپادىلەپ كەتمەيدۇ، نۇرغۇن يېنىك دەرىجىدىكى يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولغان بالىلار دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاساسەن بىنورماللىقىنى سەزمەيدۇ. ئەگەر بالىلاردا دائىم جىدەل قىلىپ يىغلاش، زىيادە ھاياجانلىنىش، ئالاقزادە بولۇپ نەپسى سىقىلىش، كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرۇش، قورقۇپ ھوشسىزلىنىش، قىزىش، يەل ئىششىقى قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئائىلە باشلىقلىرى چوقۇم قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك. يېڭىدىن چىققان «جوڭگو يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۆرسەتمىسى» دە، بالىلار يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ دىئاگنۇز قويۇش ئۆلچىمى بولسا، 2-5ياشتىكىلەرنىڭ 11575 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى؛ 5-10 ياشتىكىلەرنىڭ < 12580 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى؛ 10-14 ياشتىكىلەرنىڭ 13585 سىماب تۈۋرۈكى> دەپ كۆرسىتىلگەن.
سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ يۇقىرى بىلەك قىسمىنىڭ ئىنچىكە-توملۇقى، ئۇزۇن-قىسقىلىقى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، قان بېسىم ئۆلچىگۈچنىڭ مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان تىپلىرى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنىڭ يۈرىكىنىڭ قان ئايلىلىنىش مىقدارى ئاز، ئارتېرىيە تومۇرىنىڭ پوستى نىپىز بولغاچقا، ئۆلچەپ چىقىلغان سانلىق قىممەتمۇ چوڭلار بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا ئائىلىسىدە ھەددىدىن زىيادە سېمىز بالىلار بولغان، جەمەتىدە يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىك تارىخى بولغان ئائىلىلەر، ئەڭ ياخشىسى بالىلىرى ئۈچۈن بىر دانە قان بېسىم ئۆلچىگۈچ تەييارلاپ قويۇشى، شۇ ئارقىلىق قان بېسىمنى پات-پات ئۆلچەپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرۇشى لازىم.
بالىلارنىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە، ئاۋۋال چوقۇم بالىنى 10 مىنۇت جىم تۇرغۇزۇپ، ئاندىن ئۇنى ئوڭدا ياتقۇزۇپ ياكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ، ئوڭ بىلىكىنى ئىچىپ يۇقىرىغا سوزۇپ تۇرغۇزۇش كېرەك، ئۆلچىگەندە جەينەك بىلەن يۈرەكنى ئوخشاش ئېگىزلىكتە تۇتۇش كېرەك. جەمەتىدە كېسەللىك تارىخى بولغان ھەم بالا ھەددىدىن زىيادە سېمىز بولغاندا، ئەڭ ياخشىسى ھەر 3 ئايدا بىر قېتىم قان بېسىمىنى ئۆلچەش، ھەر قېتىم ئىختىيارى 3 قېتىم ئۆلچەشنىڭ ئوتتۇرىچە سانلىق قىممىتىنى ئېلىش كېرەك. نورمال بالىلار ھەر يىلى سالامەتلىك تەكشۈرگەندە 1 قېتىم تەكشۈرتسە كۇپايە.
تاماكا، كومپيۇتېر، بېسىم قاتارلىقلاردىن يىراق تۇرۇش
گىرمانىيە خېيدېلبېرگ (Heidelberg) ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاتا - ئانىسى تاماكا چېكىدىغان، ئۇزاق مەزگىل تاماكا ئىسىنى ۋاسىتىلىك سۈمىرىدىغان بالىلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى باشقا بالىلاردىن روشەن يۇقىرى بولىدىكەن. ئاتا - ئانىسى تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىغا ئۇچراۋاتقان بالىلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى %21 تىن يۇقىرى بولىدىكەن، ھەمدە ئانىنىڭ تاماكا چېكىشىنىڭ دادىنىڭ تاماكا چېكىشىگە قارىغاندا بالىلارغا ئىلىپ كېلىدىغان خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭا بالىلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، ھەم ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ئەڭ ياخشىسى تاماكىنى تاشلىشى كېرەك.
بالىلار يۇقىرى قان بېسىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىرى بولسا جىددىي كەيپىيات. كومپىيۇتىر، يانفۇن قاتارلىق ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار بالىلارنى تورغا ۋە ئويۇنلارغا مەستانە قىلىپ قويىدۇ. بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسى تېخى تولۇق تەرەققىي قىلمىغان باسقۇچتا تۇرىۋاتقان بولغاچقا، ئۇزۇن مەزگىل ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا، چوڭ مېڭە پوستى قىسمى قوزغىتىش ۋە تىزگىنلەشتىكى تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىپ، پۈتۈن بەدەن قان تومۇرىنىڭ يىرىكلىشىشىنى پەيدا قىلىدۇ-دە، قان بېسىمىنىڭ يۇقىرىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاتا - ئانىلار ئەڭ ياخشىسى بالىلارنىڭ ئىلىكتىرۇنلۇق مەھسۇلاتلار بىلەن بولغان ئۇچرىشىش ۋاقتىنى كونترول قىلىشى كېرەك.

ئولېمپىك ماتىماتىكا تەربىيىلەش سىنىپلىرىغا قاتنىشىش، ئىنگلىزتىلى ئۆگىنىش، پىئانىنو مەشىق قىلىش، شاھمات ئويناش .... ئەمدىلا توققۇز ياشقا كىرگەن ھەسەننىڭ ئالدىراش تۇرمۇشنىڭ بېسىمى ئاستىدا، يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئىنىقلىنىپ چىقتى. ئۆگىنىدىغان نەرسىلىرى كۆپ، پسىخىك بېسىم ئېغىر بولۇش، نۇرغۇن ئوقۇش يىشىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى دۈچ كېلىدىغان مەسىلە. بۇ خىل پسىخىك بېسىم جىددىيلىشىش، ئاسان ھاياجانلىنىدىغان كەيپىياتنى پەيدا قىلىپ، قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا،ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ بېسىمى زىيادە چوڭ بولۇپ كەتكىنىنى بايقىغان ھامان، ئۆز ۋاقتىدا بېسىمنى ئازايتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك، مەسىلەن بالىلارنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ سەيلە قىلىش، كۆپ ھەرىكەت قىلىش، بالىلارغا ئۆزىگە خاس ۋاقىت بېرىش قاتارلىقلار.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر