ئۈرۈمچىدە 15 ياشلىق 11-قەۋەتتىن كۈنلۈك بىلەن سەكرەپتۇ | سەۋەبى

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

مەنبە: نۇر تورى

يېقىندا بىر كىچىك قىزچاقنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۈنلۈك بىلەن 11-قەۋەتتىن سەكرىگەن ئىش كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغانىدى. كىنو-فىلىملەردە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن زوراۋانلىق شۇنداقلا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىلگەن كۆرۈنۈشلەر كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، لېكىن ئەقلى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن كىچىك بالىلار شۇنداقلا جىنايەت پىسخىكىسى بولغان كىشىلەر بۇ خىل كۆرۈنۈشلەرنى  ئەمەلىي تۇرمۇشتا «ئىشلىتىپ» ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنى ۋە جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانىدى.بىز بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، بالىلارغا ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرگە كىنو-فىلىملەردىكى زوراۋانلىق قىلمىشلىرى ۋە چېكىدىن ئاشقان كۆرۈنۈشلەرگە ھەرگىز تەقلىد قىلماسلىقنى ئاگاھلاندۇرۇشنى ئۇنتۇماڭ!
2017-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى فېڭ ئەپەندى ۋە خانىمى ئىشقا بېرىش ئۈچۈن بەش ياشلىق قىزىنى ئۆيگە يالغۇز قويغان. بۇ ئارىلىقتا، ئۇلارنىڭ ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن قىزى كارتون فىلىمدىكى كۆرۈنۈشكە تەقلىد قىلىپ كۈنلۈكنى ئاچقاندىن كېيىن 11-قەۋەتتىن پەسكە سەكرىگەن ھەم 4-قەۋەتتىكى سۇپىغا چۈشۈپ ئېغىر يارىلىنىپ ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىپ داۋالاش ئۆيىدە قۇتقۇزۇلۇشقا باشلىغان.

2016-يىلى 3-ئايدا، سەنشى ئۆلكىسى خەنجۇڭ شەھىرى شىشىياڭ ناھىيىسىدە بىر ئانا ئۆيدە تاماق ئېتىۋاتقاندا، بەش ياشلىق سىڭلىسى بىلەن 10 ياشلىق ئاچىسى ھويلىدا بىللە ئويناۋاتقان بولۇپ، لېكىن 10 ياشلىق ئاچىسى ئويلىمىغان يەردىن بىر دانە توك ھەرىسىنى تېپىپ كېلىپ «كارتون فىلىمدىكى تاقىرباشتىن ئۆگىنىپ سىڭلىسىنىڭ يۈزىنى توك ھەرىسى بىلەن تىلىۋىتىپ» سىڭلىسىنىڭ بۇرۇن لىپىلدىقى ۋە ئوڭ يۈزىگە ئاسانلىقچە ساقايمايدىغان تاتۇق ئىزى پەيدا قىلىپ قويغان.

2013-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى،جىياڭسۇدىكى ئىككى كىچىك بالا «قوزىچاق ۋە كۈلرەڭ بۆرە» ناملىق كارتون فىلىمغا تەقلىد قىلىپ باشقا ھەمراھلىرى تەرىپىدىن دەرەخكە باغلاپ قويۇلغاندىن كېيىن ئوت يېقىلىپ ئېغىر يارىلاندۇرۇلغان. جىياڭسۇ ئۆلكىسى لىيەنيۈنگاڭ شەھىرى دۇڭخەي ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قارىتا سوت ئېچىپ ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، گۇاڭدۇڭ ئىجادىي ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى تەرەپنىڭ ئەرز قىلغۇچىنىڭ %15 چىقىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىنى، ئەرز قىلغۇچىغا 39 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلەپ بېرىشىنى بۇيرۇغان.

 

2014-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى «ئاۋتېمەن» ناملىق كارتون فىلىمنى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ئالتە ياشلىق شىياۋ لۇڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك ئوغۇل بالا 6-قەۋەتتىكى ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ يارىلانغان، بۇ ئىشتىن كېيىن شىياۋ لۇڭ ئاتا-ئانىسىغا مۇنداق دېگەن:«مەن ئۆزۈمنى ئاۋتېمەنگە ئايلانغان ئوخشايمەن دەپ ئويلاپ قالغانىدىم».

2015-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شىشى شەھىرى، ئۈچ كىچىك بالا «قوزىچاق ۋە كۈلرەڭ بۆرە» ناملىق كارتون فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەرگە تەقلىد قىلىپ باشقىلارنىڭ ئۆگزىسىدىكى توخۇ كاتىكىگە ئوت قويۇۋەتكەن، نەتىجىدە ئۆينىڭ ئۆگزىسى پۈتۈنلەي كۆيۈپ كەتكەن. بەختكە يارىشا، ئوت دەل ۋاقتىدا ئۆچۈرۈۋىلىنغانلىقتىن ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن، بۇ ئىشتىن كېيىن ئۈچ كىچىك بالىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى زىيانلانغۇچىغا 5000 يۈەن تۆلەم تۆلەپ بەرگەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر