ئۇيغۇر بالىلاردا نېمىشقا قان راكى ئاۋۇپ كەتتى ؟

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

نېمىشقا بالىلاردا قان راكى ئاۋۇپ كەتتى ؟
 تاشپولات روزى ئەزىز تەرجىمىسى

 بۇرۇنلاردا ئانچە -مۇنچە ئاڭلاپ قالىدىغان بىرقىسىم مۇدھىش كېسەللىكلەر ،ھازىر ئاستا-ئاستا ئەتىراپىمىزدىلا پەيدا بولۇشقا باشلىدى. نۆۋەتتە ئاق قان كېسەللىكى( قان راكى) گە گىرىپتار بولغۇچىلار سانى كۈنسىرى ئاۋۇماقتا، بولۇپمۇ كىشىنى ئەڭ شۈركەندۈردىغىنى مەزكۇر كېسەللىككە مۇپتىلا بولغۇچىلار توپىدا بالىلارنىڭ ئىگىلىگەن نېسبىتى يۇقۇرى بولماقتا. ھەممەيلەنگە ئايانكى،  ئاق قان كېسەللىكىنىڭ ئۆلۈم خەۋىپى يۇقۇرى، بىمارلارنىڭ بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش نېسبىتى بەك ئاز.
كۆپ قىسىم ئاق كېسەللىكى بىمارلىرى دىياگنوز قويۇلغان ۋاقىتتا ئاللاقاچان بىرمۇنچە كېسەللىك مۇساپىسىنى بېسىپ بولغان بولىدۇ، پەقەت شۇ ۋاقىتقىچە روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن يىرى بار. ناۋادا  ئاق قان كېسلىنى ئۇزۇن ۋاقىت داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. 
قىسقىسى، ئاق قان كېسلى ھازىر بىزگە ناتونۇش ئەمەس، ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن  ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان داۋالاش ئۇسۇلى بولسا يىلىك ئالماشتۇرۇشتۇر. 
تاشپولات روزى ئەزىزدىن :
بۇ يەردە داۋالاش ئۇسۇلىنى مۇشۇنداقلا تىلغا ئېلىش ئاسان، لېكىن يىلىك ئالماشتۇرۇش - دېمەك بىرئېغىز گەپ بىلەن ئېيتقاندا تەسەۋۋۇردىمىزدىكىدىنمۇ قېيىن ۋۇجۇدقا چىقىدىغان بىر ئىش! ماس كېلىدىغان يىلىك تېپىشتىن تاشقىرى داۋالىنىش خىراجىتىچۇ ؟! ئەتىراپىمىزدا شۇ سەۋەبلىك ۋەيران بولغان ئائىلىلەرنى ، تورلاردا ئۇچۇپ يۈرگەن مۇراجىئەتنامىلەرنى ئۇنتۇپ قالمايلى ...
 ئۆز گىپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، بىز ئاتا-ئانا بولۇش سالاھىيىتىمىز بىلەن جەزمەن ئاق قان كېسەللىكىگە ئائىت بىرقىسىم بىلىملەرنى ئىگىلەپ قويۇشىمىز كېرەك.

ئاق قان كېسلىنىڭ ئالدىن سېگىناللىرى : قىزىش ، ھارغىنلىق، بۇرنى قاناش، چىش مىلىكى قاناش، ھەيز زىيادە كۆپ كېلىش، بوغۇملاش ئاغرىش، تىرە شىللىق پەردە كۆك داغلىرى پەيدا بولۇش ۋە لىمفا ئىشىش قاتارلىقلار. بۇخىل دەسلەپكى ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە پەقەت ئادەتتىكى بىرقېتىملىق قان تەكشۈرۈتىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا دىياگنوز قويدۇرغىلى بولىدۇ. ناۋادا بەخىتكە قارشى ئاق قان كېسىلى بولغانلىق دىياگنوزى قويۇلسا، دەسلەپكە مەزگىلىدىلا دەرھال داۋالاشنى باشلىغاندا« ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلماق» مەقسىتىگە يېتىپ، ئاقىۋەتنى خىلى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.
بۇنداق دېيىشىمىزدىكى سەۋەب، ئاق قان كېسىلىنىڭ سەۋەبى نۆۋەتتە تېخى تەل -تۆكۈس ئايدىڭ ئەمەس، بىز پەقەت ئالدىن مۇناسىۋەتلىك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ بۇخىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نېسبىتىمىزنى تۆۋەن چەككە چۈشۈرەلەيمىز. 
تۆۋەندە ئاق قان كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك بىرقىسىم پەرھىزلەرنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويىمىز، ئەلۋەتتە بۇ چوڭ-كېچىك ھەممەيلەنگە پايدىلىق. 

بىرىنچى .بالىلارغا تۈرلۈك تەييار ئىچملىكلەرنى ئىچكۈزمەسلىك كېرەك. ھازىرقى شارائىت ئەۋزەللىكىدە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ئامالنىڭ بارىچە قاندۇرۇشنى بالىلارغا كۆيۈنۈش ئۆلچىمى قىلىۋالغان. كۆپىنچە بالىلار نېمىشقا ئاسانلا بۇخىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ، چۈنكى ھازىر كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار قايناقسۇ ئىچىشتىن ئۆزى زىرىككەننى ئازدەپ، بالىلارغىمۇ ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق دەپ قاراپ، بالىلارغا تۈرلۈك ئىچىملىكلەرنى ئىچكۈزۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرىۋالدى. ئەلۋەتتە، بۇخىل ئىچىملىكلەرنىڭ زىيىنىنى بۇيەردە سۆزلىسەك ئايرىم بىر تېما بولۇپ كېتىشى ئېنىق، بىر ئېغىز گەپ : بالىڭىزغا رەڭلىك ئىچىملىكلەرنى ئىچكۈزمەڭ.


ئىككىنچى. ئوزۇقلاندۇرۇش قانۇنىيەتلىك بولۇش كېرەك. يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋىلەرنى جەزمەن ئستىمال قىلدۇرۇش، ياغدا قورۇلغان، پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئامال بار ئاز يىگۈزۈش ،تۈزغا چىلانغان، كاۋاب قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى ئىنتايىن ئاز مىقداردا ئىستىمال قىلىش ، بولسا ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك. بىرقىسىم تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ھەرھەپتىدە بىرقانچە تال ماندارىن ۋە بانان ئىستىمال قىلغاندا ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى يىرىم ھەسسە تۆۋەنلەتكىلى بولۇدىكەن. چوڭلار تاماكا چەكمەسلىك، ھاراقنى ئاز ئىستىمال قىلىش، بازاردىن سېتىۋالغان كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنى قايتا-قايتا يۇيۇپ ئادالاش دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ يۇقۇندىسىنى قالدۇرماسلىق كېرەك.

ئۈچىنچى. مۇۋاپىق ھالدا چىنىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك ھەركۈنى قانۇنىيەتلىك تۈردە چىنىقىش، يۈگۈرۈش ، توپ تۈرلىرىنى ئويناش، سۇ ئۈزۈش ..قاتارلىقلار ئادەم تىنىنىڭ ھەرقايسى ئورگانىزىملىرىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، كەيپىياتنى تەڭشەپ، خارەكتىرنى ياخىشلايدۇ، چوڭلارئادەتلىنىش ئاساسىدا بالىلارغا ئادەتلەندۈرۈش كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سۆڭەك، مۇسكۇل ، بوغوم ۋە سىڭىرلارنىڭ ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلىشگە پايدىلىقتۇر.

تۆتىنچى. خىمىيىۋى ماددىلار بىلەن ئاز ئۇچرىشش كېرەك فورمالدېگىد،لاك، بېنزول،فېنول ...قاتارلىق زەھەرلىك خىمىيىۋى ماددىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاق قان كىسىلىنى پەيدا قىلىدىغان قاتىللاردۇر.  ئۆي بىزەشتىن كېيىن شامال ئۆتۈشتۈرۈشكە جەزمەن ئەھمىيەت بېرىش،ئالدىراپ- تىنەپ ھامىلدار ئايال ۋە كىچىك بالىلارنىڭ يېڭى بىزەلگەن ئۆيدە تۇرغۇزۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.  ئۇنىڭدىن باشقا 乙双吗琳(Bimolane)، خلورامفېنىكول (氯霉素) دېگەندەك ھۈجەيرە زەھىرى تۈرىدىكى راكقا قارشى دورىلارنىمۇ جەزمەن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتش كېرەك.  ھەممە ئادەم گۈزەللىكنى سۆيىدۇ، لېكىن بىرقىسىم ئادەتلىرىمىز ھۆسنىمىزنى گۈزەل قىلغان بىلەن جىسمىمىزنى كېسەل قىلىدۇ. مەسىلەن؛ دائىم چېچىنى بويايدىغانلار دىققەت قىلىشى كېرەك، چۈنكى بۇنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكى ئاللاقاچان ئىسپاتلىنىپ بولغان.

بەشىنچى. ئامالنىڭ بارىچە  رادىئاتسىيەدىن يىراق تۇرۇش كېرەك. گەپنى مۇنداقلا مېسال بىلەن باشلايلى : ناۋادا يېڭى سېتىۋالماقچى بولغان ئۆيىڭىزنىڭ يىنىدا يۇقۇرى بېسىملىق توك لېنىيىسى بولسا، بۇ ئۆينى سېتىۋىلىشتىن ۋاز كېچىڭ. ئاھالىلەر رايۇنى جەزمەن ئېلېكتروماگنىت مەيدانى ۋە يۇقۇرى بېسىملىق ئېلېكتىر لېنىيىسدىن يىراق بولۇشى كېرەك. ناۋادا ئاتا-ئانىلارنىڭ خىزمەت مۇھىتىدا رادىئاتسىيەگە ئۇچراش نىسبىتى يۇقۇرى بولسا ، بالىلارنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نېسبىتى يۇقۇرى بولىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار مۇداپىئە چارىلىرىنى ياخشى قىلىشى، ئائىلىدە ۋە خىزمەت مۇھىتىدا رادىئاتسىيىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

 ئەڭ ئاخىرىدا ئاتا-ئانىلارغا ئەسكەرتىدىغىنىمىز: نۆۋەتتە بالىلار ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نېسبىتى يۇقۇرى توپ ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بالىلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز، شۇڭا بالىلارنى داۋاملىق ۋە قانۇنىيەتلىك تۈردە سىرتلاردا ھەرىكەت قىلدۇرۇش، يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، بالىلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى بۇلغىنىشتىن ساقلاش قاتارلىق ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە داۋاملاشتۇرۇش  ئىنتايىن مۇھىم. شۇنى چۈشىنىشىمىز ئەقەللىيكى بالىلارنىڭ ساغلام بولۇشى بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىش، شۇڭا بىپەرۋالىقىمىز، باھانىلىرىمىز ۋە بىلمەسلىكىمىز تۈپەيلى بالىلارغا كۈتۈلمىگەن ئازابلارنى ئېلىپ كېلىشتىن ساقلىنايلى.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر