ھەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ، بالىڭىزنىڭ قەلب ساداسىنى ئاڭلاپ بېقىڭ

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

 بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كاللىسىدىكى سوئاللارمۇ كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىشكە باشلايدۇ، ئۆز ئالدىغا نىسپىي دۇنيا قارىشى ۋە چۈشىنىشى شەكىللىنىدۇ. ئۇلار يېڭى شەيئىلەرنى بايقىغاندا ھېس قىلغانلىرىنى ئىپادىلەشكە ئالدىرايدۇ;
 ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندا، بىرەر ئادەمگە ئېيتىپ تەسەللىي تېپىشنى ئويلايدۇ. بۇ ئەسلىدە ناھايىتى ئاددىي بولغان پىسخىك ئېھتىياج، لېكىن كۆپ ھاللاردا ئاتا - ئانىلار، بولۇپمۇ ياش ئاتا - ئانىلار بالىدىكى بۇ خىل ئېھتىياجغا سەل قارايدۇ. بالىلارنىڭ پىكىر - تەلەپلىرىگە قۇلاق سالمايدۇ، ھەتتا ئەيىپلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىش ئاكتىپلىقى تۆۋەنلەپلا قالماي، يەنە دىلى ئازار يەيدۇ.


  بالا گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا كىشىلىك قەدىر-قىممىتى ۋە غۇرۇرى بولىدۇ. چوڭلارغا ئوخشاش بالىلاردىمۇ ھېسسىي ئېھتىياج بولۇپ، ھېس قىلغانلىرىنى ئىپادىلەش، كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئەركىنلىكى بار، بالىنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلاش بالىغا بولغان بىر خىل چۈشىنىش ۋە ھۆرمەت قىلغانلىق بولىدۇ. ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىلارنىڭ كۆڭلى ناھايىتى نازۇك كېلىدۇ، ئۇلار تەنقىدكە ئۇچرىغاندا ياكى باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغاندا، باشقىلارنىڭ ئۆز گېپىنى ئاڭلىشىنى ياكى تەسەللىي بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
 بولۇپمۇ، بەزى بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندا ياكى كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىغاندا، ئاسانلا روھى چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا بالىغا ئېتىبارسىز قارىسا ياكى بالىنى ئەيىپلىسە، بالىدا ناھايىتى ئاسانلا روھىي بېسىم پەيدا بولۇپ، چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ.  بالىلارنىڭ تەپەككۇرى ئاددىي، يۈزەكى بولىدۇ. بالىلار ئاتا-ئانىسىنى ھەرقانداق ئىشنى قىلالايدۇ، بىلمەيدىغان نەرسىسى يوق مۇكەممەل ئادەم، دەپ قارايدۇ. بالىنىڭ تۇنجى چوقۇنغۇچىسىمۇ دەل ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى بولىدۇ. بالا كۆپ ھاللاردا قانداقلا ئىشقا يولۇقسا، ئاتا-ئانىسىدىن مەسلىھەت سورايدۇ; قانداق تەلىپى بولسا، ئاتا - ئانىسىغا ئېيتىدۇ. ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئوتتۇرىغا قويغان ئورۇنلۇق تەلەپلىرىنى ئامال بار قانائەتلەندۈرسە ھەم بالىغا مېھىر- مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇرالىسا، ئاندىن بالىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا كىرەلەيدۇ. شۇڭا، ئاتا- ئانىلار بالىنىڭ پىسخىك تەلىپىنى چۈشىنىپ، توغرا ئۇسۇلدا ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كاللىسىدىكى تۈگۈننى يېشىپ، بالىغا ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تونۇتۇشى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.
ئەگەر، ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ نوپۇزىنى بەكرەك مۇھىم ئورۇنغا قويىۋالسا، بالىدا قورقۇش تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ، ياخشى بولغان ئاتا - بالىلىق مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرگىلى بولمايدۇ.  ھەر كۈنى 10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ، بالىلارنىڭ قەلب ساداسىنى ئاڭلاش ئۇنچىلىك قىيىن ئىشمۇ ئەمەس. بالا بىلەن ئوخشاش قىياپەتتە، ئوخشاش ئورۇندا تۇرۇپ، بالىنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلاش بالىنىڭ ئەتراپلىق ئۆسۈپ يېتىلىشگە ياردەم بېرىدىغان ناھايىتى ياخشى ئۇسۇل، شۇنداقلا ئاتا-ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر