ئۇيقۇسىزلىق ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە، ئىمتىھان نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 مائارىپ ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەيدۇ : سۈپەتلىك ئۇيقۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىمتىھانغا ئاز قالغانسېرى ئاتا - ئانىلار جىددىيلىشىپ، بالىسىنى كەچ يېتىپ، سەھەر تۇرۇپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تەكرار قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ. ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ كىچىكىدىن يېتىلدۈرگەن ئۆگىنىش ئادىتىگە ھۆرمەت قىلغىنى تۈزۈك. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلاشقانسېرى بەزى ئوقۇغۇچىلار تەكرار ۋاقتىنى تېجەش ئۈچۈن، ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قاتناشمايدۇ، ساۋاقداشلىرى بىلەنمۇ ئارىلاشمايدۇ، ئۆگىنىش جەريانىدا كەم سۆز بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋال ئوقۇغۇچىلارغا روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىپ، ئوبدان قېنىپ ئۇخلاشقىلا ئەمەس، ئۆگىنىش ئۈنۈمىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئاتا - ئانىلار ئائىلىدە بالىلارغا ئىناق ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ بېرىش بىلەن بىللە، بالىسى بىلەن كۈندە دوستانە پاراڭلىشىشى، بالىسىنى بەدەن چېنىقتۇرۇشقا، ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا بالىلاردىكى ئىمتىھان ۋەھىمىسىدىن كېلىپ چىقىدىغان روھىي بېسىمنى ئازايتىپ، ئۇيقۇسىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. دوختۇرلارنىڭ كۆرسىتىشچە، نورمال ئۇخلاش ۋاقتىدىن تۆت سائەت ئاز ئۇخلىغان ئادەمنىڭ ئەتىسى ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى %45 تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن . ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئۆسۈپ - يېتىلىش ۋاقتىدا دائىم ئۇيقۇسىغا قانمىسا سالامەتلىكىلا ئەمەس، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگىمۇ تەسىر يېتىدىكەن. ئۇيقۇسىزلىق بالىلاردا جىددىيلىك، تېرىككەكلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، شۇڭا بالىلارنىڭ قېنىپ ئۇخلىشى ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن . مائارىپ ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۈپەتلىك ئۇيقۇ ساغلاملىقنىڭ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مەنبەسى، دەپ قارىماقتا. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار تەكرار قىلىش ئۈچۈن ئۇخلاش ۋاقتىنى قىسقارتقاندىن كۆرە، سۈپەتلىك ئۇخلاش ئارقىلىق ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگىنى تۈزۈك. ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ ۋاقتىدا ئۇخلىشىغا، ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا دىققەت قىلىشى لازىم.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر