ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى قانداق ئۆستۈرىدۇ؟

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ مەركىزى، شۇنداقلا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە ئەقىلنىڭ بۆشۈكى. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياخشى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇشتا تۆۋەندىكى 4 نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.


مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش: مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشتا، ئاساسلىق يېمەكلىك بىلەن قوشۇمچە يېمەكلىكنى ماسلاشتۇرۇپ، يېمەكلىكلەرنىڭ بىرلا خىل بولۇپ قېلىشى ۋە تاماق تاللاشنى قاتتىق چەكلەش قاتارلىقلارغا قارىتىلغان. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، بەدەننىڭ نورمال فۇنكسىيىسىنى ساقلاش ئۈچۈن خىلمۇ خىل يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: ھەر خىل پۇرچاق، قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەر، گۆش ھەم سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، كۆكتات، مېۋە – چېۋىلەر ۋە ياغلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش زۆرۈر ئىكەن.
يېتەرلىك ئۇخلاش: نورمال ئۇيقۇ چوڭ مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى ساغلاملاشتۇرىدۇ. ئادەمنىڭ ھۈجەيرىسى تەخمىنەن 100 مىليارد بولۇپ، ئۇ ئورگانىزمنىڭ ھەر قايسى توقۇلما ئەزالىرىغا سىگنال يەتكۈزۈش ۋە قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل، بۇمۇ ئەستە ساقلاش ۋە تەپەككۇر قىلىش جەريانىدۇر. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، جىددىيلىشىش، يۇقىرى دەرىجىدىكى نېرۋا مەركىزىنىڭ غىدىقلىنىش ۋە تورمۇزلىنىش جەريانى تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىپ، نېرۋا ئاجىزلىق، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. فىزىئولوگىيە ئالىمى پاۋلوۋنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيقۇ چوڭ مېڭىنىڭ قوغدىنىش خاراكتېرىدىكى تورمۇزلىنىش جەريانى بولۇپ، ئارام ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتى ھېسابلىنىدىكەن. شۇڭا، ياخشى ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى لازىم.
چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش: ئۆگىنىش، خىزمەت ۋاقتى ياكى ئولتۇرۇش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، بەدەن نىسبىي تىنچ ھالەتكە ئۆتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قان ئايلىنىش ئاستىلاپ، قان ئىچكى ئەزا ۋە پۇتلارغا يىغىلىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جىددىي ئەقلىي ئەمگەك سەۋەبىدىن مېڭە ھۈجەيرىسى غىدىقلىنىپ، كۆپ مىقداردا كاربون(IV) ئوكسىدى ۋە سۈت كىسلاتاسى قاتارلىق مېتابولىزم چىقىرىندىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، قاندىكى ئوكسىگېن مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، باش قېيىش، دىققىتى چېچىلىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا قاننىڭ يېتەرلىك ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مېتابولىزم چىقىرىندىلىرىنى ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ئارىلىقىدىكى دائىملىق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، بەدەننىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.
كەڭ دائىرىلىك قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈش: ھەۋەس ۋە قىزىقىش ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ۋە كۈچ – قۇۋۋەتنى ساقلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان شەرت. بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى، ئادەم چوڭ مېڭىسىنىڭ غىدىقلىنىش جەريانى بىلەن تورمۇزلىنىش جەريانى ئۆزئارا ئالمىشىپ تۇرغانلىقىدا.
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كېتىش ، ياشلاردا مېڭىنىڭ ئاجىزلىق ياكى مىجەزىنىڭ ھۆل سوغۇقلىقى ئېشىپ كېتىش بىلەن ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا مېڭە قىزىل قان تومۇرى قېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك، سۆز ۋە ئىش ھەرىكەتنى ئۇنتۇپ قېلىش ھەم ئەسكە ئالالماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
ئۇنتۇغاقلىققا مەنپەت قىلىدىغان ئەل ئىچىدىكى شىپايى رېتسىپلار
1. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن كىشىلەر مۇۋاپىق مىقداردا تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ .
2. تاتلىق بادام مېغىزىنى كۈنگە ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا 20-30دانىگىچەئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلسا ئۇنتۇغاقلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .. _3
3. ياڭاق مۇرابباسىنى ئەتىگەن ۋە كەچتە تاماقتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلسا ئۇنتۇغاقلىقنىڭ ئالدىنى بولىدۇ .
4. سامساقنى سىركە (ئاچچىقسۇ) بىلەن قوشۇپ يەپ بەرسە ئۇنتۇغاقلىققا شىپا قىلىدۇ .
5. كۈندىلىك تاماققا 30 -50گرامغىچە پىيازنى قوشۇپ يىسە بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇپ ئۇنتۇغاقلىقنى ياخشىلايدۇ .
6. قارىغاي يوپۇرمىقى ياكى قارىغاي دەرىخى قوۋزىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ چاچ ئورنىدا دەملەپ ئىچسە ياشلاردىكى ئۇنتۇغاقلىقنى داۋالىغىلى بولىدۇ .
7. لاچىندانە ھىندى، سېرىق ھېلىلە پوستى، ناۋاتتىن 30 گرام، ئۈستقۇددۇستىن 10 گرام تەييارلاپ سوقۇپ دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ ئۇنتۇغاقلىققا شىپا بولىدۇ.
8. كۈندۈر، زەنجىۋىل، ئىگىرلەردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل ئارلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلاپ ، كۈندە يەپ بەرگەندە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
9. رەيھان ،قەلەمپۇر ، دارچىن، جۇيۇزەدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 30 گرام، قىزىل ئۈزۈمدىن 50 گرام ئېلىپ شەربەت تەييارلاپ كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرگەندە ئاشقازان ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ ، ئۇنتۇغاقلىققا شىپا بولىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر