بالىلار تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلسا قانداق بولىدۇ بىلەمسىز؟

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

بالىلار تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئىچكى ئەزالىرى تولۇق يېتىلەلمەيلا قالماستىن، قاندىكى زىيانلىق تەركىبلەرنى چىقىرىۋېتىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرى.


بالىلار تۇزنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلسا قاندىكى ناترىي تومۇرلاردا قېلىپ، قان مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، قان بېسىمى ئۆرلەش، شامالدارىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن سىرت، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ سۇلۇق ئىششىق، يۈرەك كېسىلى قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرى نەپەس يولى ياللۇغى. بالىلار تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلسا كېسەلگە ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپلا قالماستىن، بېزى سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازلاپ، ھەر خىل كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە پۇرسەت ھازىرلاپ بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قىسمەن يۇقىرى نەپەس يولى ياللۇغى كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ. سىنىك كەملىك. تۇز تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر بالىلارنىڭ سىنىكنى نورمال ھەزىم قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، سىنىك كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىللە، ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، بەزى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر