سوسكا ئېمىدىغان بالىلارنىڭ تىلى كېچىكىپ چىقامدۇ؟

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

بالىلارغا سوسكا ئەمدۈرۈش بەلكىم ئۇلارنىڭ يىغىسىنى توختىتىشقا پايدىلىق بولسا كېرەك، ئەمما ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار ئۈچ ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان 128 بالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى: دائىم سوسكا ئىمىدىغان، سوسكا تاپالمىسا بارمىقىنى شورايدىغان بالىلارنىڭ تىلى ئاسان چىقمايدۇ، چىقسىمۇ تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش ئىقتىدارى باشقا بالىلارغا قارىغاندا ئۈچ ، تۆت ھەسسە تۆۋەن بولىدۇ.


بۇ تەتقىقاتقا مەسئۇل پروفېسسور باپوسسا مۇنداق دېدى: ئۈچ ياشقا قەدەر سوسكا ئەمگەن ياكى بارمىقىنى شورايدىغان بالىلارنىڭ تىل ئۆگىنىش ئىقتىدارى بەكلا تۆۋەن بولىدىكەن، بىراق ئانىسىنى ئاز بولغاندىمۇ توققۇز ئاي ئەمگەن، شۇنىڭدىن كېيىن سوسكا ئەمگەن ياكى سۈت بوتۇلكىسى ئارقىلىق ئىچىشنى ئۆگەنمىگەن بالىلارنىڭ تىلى بەك ئاسان چىقىدىكەن، تىل بايلىقى مول، ئىدىيىنى تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش ئىقتىدارى يۈكسەك بولىدىكەن.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر