بالىلارنىڭ ھەرىكەتتىن كېيىنكى ئەڭ ياخشى ئۇسسۇزلۇقى نېمە؟

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

بەزى بالىلار يۈگۈرۈشۈپ ئويناپ، ئۇسساپ كەتكەندە سۇ ئىچىپ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە سۈت بالىلارنىڭ ھەرىكەتتىن كېيىنكى ئەڭ ياخشى ئۇسسۇزلۇقى ئىكەن.


    تەتقىقاتچىلار سەككىز ياشتىن 10 ياشقىچە بىر نەچچە بالا ئۈستىدە تەجرىبە ئىشلىگەن. تەتقىقاتچىلار بۇ بالىلارنىڭ ئوخشاش ھاۋا رايىدىكى ھەرىكەت ھالىتى، تەرلەش، بەدىنىگە سۇ تولۇقلاش ۋە ھەرىكەتتىن كېيىنكى بەدەن ئۆزگىرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەھلىل قىلغان. تەھلىل نەتىجىسىگە قارىغاندا، بالىلار قاتتىق تەرلىگەندىن كېيىن، سۈت ئىچكەندە ئۇسسۇزلۇقنى ئۈنۈملۈك قاندۇرالايدىكەن. سۈت تەركىبىدىكى كاربونلۇق سۇ بىرىكمىلىرى، كالتسىي، ئېلېكتىرولىد ۋە تۈز تەركىبىدىكى سۇيۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدىكەن. مۇھىمى سۈت تەركىبىدە بالىلارنىڭ مۇسكۇل چوڭايتىدىغان ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئاقسىل بار ئىكەن. تەنھەرىكەت ئىچىملىكىنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇشتىكى ئۈنۈمى خېلى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن بالىلار بۇ خىل ئىچىملىكنى كۆپ ئىچكەندە ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدىكەن ھەم چىش زىيانغا ئۇچرايدىكەن. ئەگەر كوففېئىن تەركىبى بولغان ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە سالامەتلىككە خەۋپ پەيدا قىلىدىكەن.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر