كىچىك بالىلار يالاڭئاياغ ئوينىسا بولامدۇ؟

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

بالىلار يالاڭئاياغ ئويناشقا ئامراق بولسىمۇ، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئويلاپ ياكى سوغۇق ئۆتۈپ كېسەل بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بالىلارنى يالاڭئاياغ ئوينىغىلى قويمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىلارنىڭ يالاڭئاياغ ئوينىشى چېنىقىش ھېسابلىنىدۇ.


ياپونىيەدە يالاڭئاياغ مېڭىش رەسمىي دەرس قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. مەسىلەن: ياپونىيە ئايچى ئۇنىۋېرسىتىتى قارىمىقىدىكى يەسلى بالىلارنىڭ قۇمدا يالاڭئاياغ خالىغانچە ئوينىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن يەسلىدىكى سېمونت مەيداننى بۇزۇپ، سېمونت مەيداننىڭ ئورنىغا قۇم ياتقۇزغان؛ بىر مەزگىل يالاڭئاياغ مەشىق قىلغاندىن كىېىن،%80 بالىنىڭ بەدەن ساپاسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئىشتىھاسى ئېچىلغان، بويى ئۆسۈپ، بەدەن ئېغىرلىقى تېز ئاشقان.
بالىلارنى دائىم يالاڭئاياغ ماڭدۇرسا، ئۇلارنىڭ يۇمران تاپانلىرى توپىدا سۈركىلىپ غىدىقلىنىپ، تاپان مۇسكۇللىرىنىڭ تارتىش كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە پۇت بارماق بوغۇملىرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، تاپاننىڭ تۈز بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
يالاڭئاياغ يۈرگەندە تاپاندىكى پەللىلەر غىدىقلىنىپ، چوڭ مېڭىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى ۋە رولىنى تەڭشەپ، قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى تېزلىتىپ، بالىلارنىڭ تەپەككۇر سېزىمى ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.
ئاتا-ئانىلار بالىلارنى دائىم باغچا، مەيدان ۋە مەھەللە ئەتراپىدىكى تاشلىقلاردا رېتىملىق يالاڭئاياغ ماڭدۇرسا، ئۇلارغا ناھايىتى پايدىلىق، ئەڭ ياخشىسى، كۈندە بىر-ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15-20 مىنۇتتىن ماڭدۇرۇپ بەرسە ھەم بۇنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرسا، بالىلارنىڭ ئىممۇنىت كۈچى ۋە بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر