بالىلاردىكى پۇت-قول ئاغرىش ۋە كالتسىينىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلەمسىز؟

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئەگەر بالىلار كېچىدە پۇتى ئاغرىپ، كۈندۈزى يەنە نورمال ئويناۋەرسە، بۇ نورمال. بالىلار يېتىلىۋاتقاندا پۇتى ئاغرىيدۇ، لېكىن نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بۇ خىل ئەھۋالنى كالتسىي يېتىشمەسلىكتىن، دەپ قاراپ، بالىلىرىغا كالتسىي تولۇقلاش بىلەن ئاۋارە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە يېتىلىش دەۋرىدىكى بۇ ئاغرىق كالتسىي بىلەن مۇناسىۋەتسىز.


 بالىلار يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۇلارنىڭ تىز بوغۇمى ئەتراپى ئاغرىيدۇ. تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، تا ھازىرغىچە بۇ خىل ئاغرىقنىڭ سەۋەبى تېپىلمىغان، لېكىن ئانالىز قىلغاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا بالىلارنىڭ پۇت-قوللىرى ئاغرىيدىكەن.
بىرىنچى، بالىلار ئالاھىدە ياش مەزگىلىگە قەدەم قويغاندا، يەنى 13 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ بەدىنى ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشقا باشلايدىكەن، بولۇپمۇ سۆڭەكنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىر قەدەر تېز بولىدىكەن، بۇنداق بولغاندا مۇسكۇللاردا تارتىشىپ ئاغرىش شەكىللىنىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلار تىزىنىڭ ۋە پاقالچەك تەرىپىدىكى سۆڭىكىنىڭ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىدىكەن.
ئىككىنچى، يېتىلىشى تەڭپۇڭ بولمىغانلىق سەۋەبىدىنمۇ بولىدىكەن. بالىلاردىكى سۆڭەكنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا سۆڭەك ئەتراپىدىكى نېرۋا، مۇسكۇل پېيى، مۇسكۇللارنىڭ ئۆسۈشى بىر قەدەر ئاستا بولىدىكەن. بۇنداق ئوخشاشماسلىق سەۋەبلىك تۆۋەنكى ئەزا مۇسكۇللىرى ئاغرىيدىكەن.
ئۈچىنچى، بالىلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ كۆپ بولۇشى ۋە يېتىلىش جەريانىدا، مېتابولىزم ھاسىلاتىنىڭ ئېشىپ، كىسلاتالىق مېتابولىزم ھاسىلاتىنىڭ يىغىلىپ قېلىشى مۇسكۇللارنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. يىغىنچاقلىغاندا، يېتىلىش جەريانىدىكى ئاغرىق نورمال ئەھۋال، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا ئاغرىق توختىتىش دورىسى بېرىشىنىڭ ياكى كالتسىي تولۇقلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. بەك ئاغرىپ كەتسە، ئۇلارنى كۆپرەك ئارام ئېلىشقا ئۈندەش، مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرۇپ تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى بۇراش، ئاغرىغان جايىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىش، زىيادە ئېغىر ھەرىكەتلەرنى ئىشلەتكۈزمەسلىك كېرەك.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر