بالىلار چىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

ئىلاۋە ئورنىدا: ھەربىر ئائىلە پەرزەنتلىرىنىڭ چىشىنىڭ  ساغلام بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. چىش ئاسراشتا ئالدىنى ئېلىش ئاساس. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا بالىلاردا كېچىكىدىن تارتىپلا چىشىنى ئاسرايدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟ بالىلارنىڭ چىشىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ قايسى ۋاقىت چىشنى تۈزەشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى؟ قېنى ئەمىسە تۆۋەندە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئېغىز بوشلۇقى دوختۇرخانىسى 2-ئامبۇلاتورىيە بالىلار ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىدىكى ۋاڭ مىنيوڭ مۇئەللىم بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.


سوئال: ئوزاقى يىلدىن باشلاپ چىش مىلىكىدە رەسىمدىكىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئۇششاق مونەكلەر پەيدا بولۇشقا باشلىغان، گاھىدا كىچىكلەپ گاھىدا يوغىناپ كېتىدۇ. بۇ قانداق ئەھۋال؟ 8 ياشلىق بالىنىڭ چىشىغا تەسىرى بولامدۇ؟ قانداق قىلغان تۈپتىن داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە چىش قۇرتلاش ئەھۋالىمۇ بەك ئېغىر، ئاستىنقى تۆت چىشى يۇغان كاۋاك بولۇپ قالدى، ئۇدۇل چىشمۇ ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ قۇرتلاشقا باشلىدى، بۇنىڭغا قارىتا قانداق قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: سىز تارتىپ كەلگەن رەسىمدىن قارىغاندا بۇ سۈت چىش يىلتىزىنىڭ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان چىش مىلىكى ئىششىقى، بىراق 8 ياشلىق بالىغا نىسبەتەن ئۈستۈنكى ئۇدۇل چىشلار ئالمىشىپ بولغان بولۇشى كېرەك. تەكلىپىم شۇكى: بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈڭ، ئەگەر ئالمىشىش ئالدىدا تۇرغان بولسا ماس بولغان سۈت چىشلارنى يۇلۇۋەتسىلا بولىدۇ.

سوئال: كىچىك بالىلار قانچە ياشتىن باشلاپ چىش پاستىسى ئىشلەتسە بولىدۇ؟
جاۋاب: چىش پاستىسى ئادەتتە فىتورلۇق ۋە فىتورسىز دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. 3 ياشتىن كىچىك بالىلارغا فىتورسىز چىش پاستىسى ئىشلىتىش، مۇمكىن بولسا ئىشلەتمەسلىك كېرەك، 3 ياشتىن يۇقىرى بالىلارغا، بالىلارنىڭ يۇتۇش ئىقتىدارى نورمال يېتىلگەندىن كېيىن فىتورلۇق چىش پاستىسىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ، لېكىن مىقدارىنى كونتىرۇل قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك يەنى پۇرچاقچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

سوئال: 5 ياشلىق بالىنىڭ چىشى بۇزۇلۇپ كەتسە چىش زاماسكىلاشتىن باشقا داۋالاش ئۇسۇلى بارمۇ؟- @6
جاۋاب: قۇرت يېگەن چىشنى داۋالىتىش كېرەكمۇ-يوق مەسىلىسىدە چىشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراش كېرەك. ئادەتتە بىر يىلدا بىر ئالمىشىدىغان چىشلارنى كۈزىتىپ بېقىشقا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتسە ئەڭ ياخشىسى تېزدىن داۋالىتىشنى يەنى چىش زاماسكىلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن._
سوئال: بالام 12 ياشقا كىردى لېكىن چىشلىرى تېخى تولۇق ئالمىشىپ بولالمىدى. قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ رەتسىز چىشلارنى تۈزەشكە بولىدۇ؟
جاۋاب: ئادەتتە بالىلارنىڭ چىشىلىرى 12~13 ياشلاردا ئالمىشىپ بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاندىن چىشلارنى رەتلەشكە بولىدۇ. بۇ ۋاقىت بۆلىكى ئادەمگە قاراپ ئوخشىمايدۇ، بەلكىم ئۇزىراپ كېتىشى مۇمكىن، لېكىن ھېچقىسى يوق سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتسىڭىزلا بولىدۇ.
سوئال: يېقىندا نۇرغۇن كىچىك بالىلارنىڭ 窝沟封闭 غا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى ئاڭلىدىم، سوراپ باقسام بۇنى چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىكمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا بالا قانچە ياشتا قىلىش كېرەك؟ بىر قېتىم قىلسا قانچە ۋاقىت ئۈنۈمگە ئىگە بولىدۇ؟
جاۋاب: 窝沟封闭 بولسا چىش قۇرتلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ ئاساسلىقى تېخى يېڭىلا چىققان ئېزىق چىشلارغا قارىتىلغان. ئۇ ھەرىكەتچان دېۋىرقاي(ياغاچ يېلىمى) ماتېرىيالى ئېزىق چىشلارنىڭ يۈزىدىكى تار ھەم چوڭقۇر ئارىلىقلارغا سىڭىپ كىرىپ، ئېزىق چىشنى ئوراپ ئۈنۈملۈك ھالدا ئېزىق چىشلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان窝沟封闭 نىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
6~7 ياشتىن 12~15 ياشقىچە بالىلارنىڭ ئېزىق چىشى چىقىدىغان ۋاقتى. ھەممىسى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئىنچىكە كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈشكە موھتاج. بۇ چىشلار چىقىدىغان 3~5 يىل ئىچىدە ئاسانلا چىش قۇرتلاش كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا چوقۇم قەرەللىك(يېرىم يىل) ھالدا تەكشۈرۈتۈپ تۇرۇش كېرەك. ئەگەر ھىملاشتۇرغۇچى(封闭剂) چۈشۈپ كەتسە ۋاقتىدا قايتىدىن قىلدۇرۇش كېرەك، بۇ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن بەلكىم يەنە قىلىشنىڭ ھاجىتى قالماسلىقى مۇمكىن.

سوئال: چىش قۇرتلاشنىڭ ئالدىنى قانداق ئالىدۇ؟ تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش ئارقىلىقمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟
جاۋاب: چىش قۇرتلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولسا بىر سىستېملىق مەسىلە، ئالدى بىلەن تازىلىق ئادىتى يەنى ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتى بولۇشى كېرەك. بۇ چىش چوتكىلاش، چىش يېپى(牙线) ئىشلىتىش ھەمدە قەرەللىك ھالدا ئېغىز بوشلۇقىنى تەكشۈرتۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت يەنە زىيادە تاتلىق يېمەك-ئىچمەكنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.

سوئال: بالام 3 ياشقا كىردى، يىقىندا ئۇنىڭ چىشىدا قارا ئىزلار پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بايقاپ قالدىم، بۇ چىشنىڭ پاكىز تازىلانمىغانلىقىدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ؟
جاۋاب: چىش يۈزىدىكى قارا پىگىمىنىت كۆپىنچە ھاللاردا چىش چوتكىلاش ئۆلچەملىك، تولۇق بولماسلىق ئەھۋالنىڭ ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. قارا پىگىمىنىت يېمەكلىك ياكى دورىدىن كەلگەن. ئۇ ئۆزى بەدەنگە زىيانلىق ئەمەس لېكىن چىش چوتكىلىغاندا چىقىرىپ تاشلانمىسا چىش چىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سوئال: قىزىم بۇ يىل 7 ياشقا كىردى، چىشى ئالمىشىۋاتىدۇ، ئالدىنقى بىر مەزگىللەردە بوشاپ قالغىلى ئۇزۇن بولغان بىر تال چىش چۈشۈپ كەتكەن، ھازىر يەنە بىرسى بوشاپ قاپتۇ، لېكىن چۈشمەيۋاتىدۇ ۋە بالام دائىم ئاشۇ چىشىنى شورايدۇ. بۇ چىشنى يۇلۇۋېتىش كېرەكمۇ-يوق؟ ئەگەر ئاشۇ چىشنى داۋاملىق شوراۋەرسە كېيىن چىقىدىغان باشقا يېڭى چىشلارغا تەسىرى بولامدۇ؟,
جاۋاب: بالىڭىزنى ئاشۇ بوشاپ قالغان چىشىنى كۆپرەك ئىشلىتىشكە لېكىن شورىماسلىققا ئىلھاملاندۇرۇڭ، ئەگەر بۇنى ئادەت قىلىۋالسا چىشلارنىڭ تىزىلىشى رەتسىز بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر كۆرۈنەرلىك ھالدا بوشاپ قالغان بولسا يۇلۇۋېتىشكە بولىدۇ.

سوئال: 1 ياشلىق بالامغا قانداق چىش چوتكىسى ئىشلىتىمەن؟ قانداق چوتكىلايمەن؟
جاۋاب: كاۋچۇك قىللىق چىش چوتكىلىرىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ياكى پاكىز داكىنى كۆرسەتكۈچ بارمىقىڭىزغا ئوراپ سۈزۈك سۇدا ھۆللەپ چوتكىلاشقىمۇ بولىدۇ.

سوئال: بالا 4 ياشقا كىرەي دەپ قالدى، ئوتتۇرا چىشىنى قۇرت يەپتۇ، بىراق دوختۇرخانىغا بارساق ئۇلار ئامال يوق دېدى، چۈنكى بالا ماسلىشىپ بەرمىدى، سىزچە قانداق قىلىشىم كېرەك؟ يەنە كېلىپ بالا چىشىنى پاكىز چوتكىلىمايدۇ، چىش داشقىلى چۈشكەندەك قىلىدۇ، قانچە ياشتا چىشىنى يۇغۇزۇپ داۋالاشقا بولىدۇ؟0
جاۋاب:  چىش يۇيۇش ياش بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بالا ماسلىشىپ بەرسىلا ۋە زۆرۈر بولسا يۇغۇزۇشقا بولىدۇ.

سوئال: قىزىم بۇ يىل 8 ياشقا كىردى، ھازىرغىچە ئاران 3 تال چىشى ئالماشتى، ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ياشتىكىلەر ئۇنىڭدىن كىچىكلەرنىڭمۇ خىلى كۆپ چىشى ئالمىشىپ بولدى، بۇ نېمە سەۋەبتىن؟)
جاۋاب: چىش ئالمىشىش يېشى پەقەت نىسپىي بولغان بىر خىل ئۆلچەم. ئەگەر ئېغىر دەرىجىدىكى سىستېمىلىق كېسەللىك بولمىسا چىش ئالمىشىشنىڭ ئالدى-كەينى بولۇشىنىڭ ھېچۋەقەسى يوق، پەقەت كۈزىتىپ تۇرسىلا  بولىدۇ. ئەگەر ئوخشاش ئىسىملىك چىشلارنىڭ ئالمىشىش ۋاقىت ئارىلىقى بەك ئۇزىراپ كەتمىسە (مەسىلەن بىر يىلدىن ئېشىپ كەتسە) دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.

سوئال: 窝沟封闭چىش قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالالامدۇ؟ مەن بالامغا قىلغۇزسام يەنە بۇزۇلۇپ كەتتى، بۇ نېمە ئىش؟;
جاۋاب: 窝沟封闭 بولسا پەقەت چىش قۇرتلاشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر خىل ئۇسۇل، ئەمما مۇتلەق ئەمەس، ئەڭ ئاساسلىق بولغىنى يەنىلا يېمەكلىك ۋە تازىلىق جەھەتتىن ئاسراشتۇر.

سوئال: 9 ياشلىق ئوغلۇمنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى چىشىنىڭ يىلىكى(活髓) كېسىۋېتىش ئوپېراتسىيىسىدىن كېيىن قانداق قىلغاندا چىش يىلتىزىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ۋە يىلتىز ئۇچى شەكىللىنىپ ئېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؟ قانداق قىلسام كېيىنكى ئالدىنى ئېلىشنى ياخشى قىلالايمەن؟ بالام ۋاسكېتبول ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ باشقا چىشلىرىنى ئاسراش ئۈچۈن ھەم ئىككىنچى قېتىملىق زەخمىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ چىشىغا قوغداش ئەسلىھەلىرىنى تاقاتقۇزۇشۇم كېرەكمۇ؟ ئاددىيراق ئۇسۇل بارمۇ؟
جاۋاب: چىش يىلتىزىنى كېسىۋېتىش بولسا، يۇمران مۇقىم بولغان چىشلاردا تاسادىپى چىش مىلىكى سىرتقا چىقىپ قالغاندا چىش يىلتىزىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، بۇنىڭدىن كېيىن، بالىنىڭ ئۆز بەدىنىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى چىش يىلىكى ۋە چىش يىلتىزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراش كېرەك. قىلالايدىغىنىمىز پەقەت ئىككىنچى قېتىملىق تاشقى زەخمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىنچى قېتىملىق تاشقى زەخمە ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئاسراش قېپى بولسا بىرقەدەر ياخشى بولغان قۇرۇلما بولۇپ ئۈنۈملۈك ھالدا تاشقى زەخمىگە ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.,

سوئال: بالام 5 ياشقا كىرەي دېدى، كەينىدىكى ئوڭ-سول چوڭ چىشلىرىنى ئاللىبۇرۇن قۇرت يەپ بولدى، دوختۇر بۇ چىشلارنى 12 ياشقا بارغاندا ئاندىن ئالمىشىدۇ دېدى ھەم داۋالاش لايىھەسى تۈزۈپ بەردى. بىراق ھەر قېتىم بالام پەقەتلا ماسلىشىپ بەرمىگەچكە داۋالاشقا ئامال بولمىدى، بۇ خىل ئەھۋالنى قانداق بىر تەرەپ قىلغۇلۇق؟
جاۋاب: ئالدى بىلەن ئېنىق بولۇشى كېرەككى، بۇخىل چىش ئاكتىپ داۋالاشقا موھتاج، بىراق مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئەھۋاللاردا بالىلار ماسلىشىپ بەرمەيدۇ، بۇ خىل ئەھۋال بالىنىڭ تۇنجى قېتىملىق دوختۇرغا كۆرۈنگەندىكى كەچۈرمىشىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن. باشقا دوختۇرغا ياكى باشقا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ سىناپ بېقىش، كۆپرەكى بالا ئۆزى قورقۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. كۈلدۈرگە گازى، تىنىچلاندۇرغۇچى ۋە ياكى پۈتۈن بەدەننى ناركوز قىلىش بولسا بۇنداق بالىلارغا نىسبەتەن بىرقەدەر ياخشى تاللاش.
سوئال: بالىلاردىكى قايسى ناچار ئادەتلەر چىشنىڭ رەتسىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
جاۋاب: ئادەتتە كۆپلىگەن بالىلاردا ئېغىز بۇشلۇقى ئۈستۈنكى تاڭلاي يۈزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز بولغان بەزىبىر ئالامەتلەر بولىدۇ. ئەگەر داۋاملىشىش ۋاقتى 3 ياشتىن ئېشىپ كەتسە ياخشى بولمىغان ئادەت دەپ قاراشقا بولىدۇ ۋە ۋاقتىدا تاشلاتقۇزۇش كېرەك. مەسىلەن: قولىنى شوراش، ئېغىزى ئارقىلىق نەپەسلىنىش، تىلىنى چىقىرىش، قاتتىق نەرسىلەرنى چىشلەش، كالپۇكىنى چىشلەش قاتارلىقلار.

سوئال: بالىلار قانچە ياشتىن باشلاپ چىش چوتكىلىسا بولىدۇ؟ قانداق چىش پاستىسى ئىشلىتىش كېرەك؟ توغرا بولغان چىش چوتكىلاش ئۇسۇلى قانداق؟
جاۋاب: تەلەپنى قاتتىقراق قويۇپ ئېيتقاندا، تۇنجى چىش چىققاندىن كېيىن، چىش چوتكىلاشنى باشلاش كېرەك، بۇ بىرى پاكىز بولۇش ئۈچۈن، يەنە ئەڭ مۇھىم بولغىنى بالىنى ھەرىكەتكە كۆندۈرۈش ۋە كېيىنكى ئاسراشقا پايدىلىق بولۇش ئۈچۈندۇر. چىش پاستىسىغا كەلسەك فىتورسىز چىش پاستىسى ئىشلىتىش  ۋە ياكى ئۈچ ياشتىن كېيىن تەلەپ بويىچە چىش پاستىسىنى يۇتۇۋالمىغۇدەك بولغاندا فىتورلۇق چىش پاستىسىنىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
توغرا بولغان چىش چوتكىلاش ئۇسۇللىرى كۆپ، ئاساسلىق مەقسەت چىشنى پاكىزلاش، پرىنسىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا توغرىسىغا چوتكىلاشقا بولمايدۇ، بىراق بالىلارغا نىسبەتەن ئېغىزى كىچىك، بالىمۇ ماسلىشىپ بەرمەيدۇ، شۇڭا تازىلاش مەقسىتىگە يەتسىلا بولىدۇ.

سوئال: بالام 4 ياشقا كىردى تاتلىق نەرسىلەرنى يېيىشكە بەك ئامراق، گەرچە ئىككى ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا چىشىنى چوتكىلاشقا باشلىغان بولسىمۇ لېكىن يېقىندا چىشىدا نۇرغۇن سىرىق رەڭلىك ئويمانلارنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىدىم، خۇددى چىش چىرىپ كەتكەندەكلا بەكلا ئەنسىرەپ كەتتىم. ئۇنىڭ بۇ يېىشىدا 窝沟封闭 قىلسا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى ئۇقالمىدىم، ياكى ئۇنىڭ داۋاملىق تارقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىرەر ئۇسۇل بارمۇ؟
جاۋاب: چىش ساغلاملىقىغا نىسبەتەن تاتلىق يېمەكلىكلەرنى چوقۇم ئازايتىش كېرەك، چىش پاكىز تازىلاش ئىنتايىن مۇھىم، ئەگەر چىشقا قۇرت چۈشسە دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك.

سوئال: بالا 6 ياشقا كىرەي دېدى، يېقىندا ئاستىنقى ئۇتتۇر چىشىنىڭ ئىچى يان تەرىپىگە يېڭى چىش چىقتى. سىرتىدىكى پەقەت ئازراقلا مىدىرلايدۇ. سىرتتىكى سۈت چىشىنى يۇلۇۋېتىش كېرەكمۇ-يوق؟ يۇلۇۋەتكەندىن كېيىن يېڭى چىققان چىش توغرا ئورۇنغا ئۆسەمدۇ-يوق؟
جاۋاب: سۈت چىشى چۈشۈپ كەتمەي تۇرۇپ تۇراقلىق چىش چىقىش ۋە ياكى سۈت چىشى بوشاپ كەتكەن تۇرۇقلۇق چۈشۈپ كەتمەسلىك سۈت چىشىنىڭ تۇرۇپ قىلىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ۋاقتىدا ماس ھالدىكى سۈت چىشىنى يۇلۇۋېتىش كېرەك. يېڭىدىن چىققان تۇراقلىق چىشلارنىڭ بەزىلىرى ئورنىغا قايتالمايدۇ، بۇلارنى 12 ياشتىن ئۆتكەندىن كېيىن تۈزەپ داۋالاش كېرەك.`

سوئال: ئوغلۇم 4 ياشقا كىردى، يىقىندا ئىككى ئۇدۇل چىشىنىڭ يان تەرىپىدىكى ئىككى تال چىشنى قۇرت يېگەنلىكىنى بايقىدىم، دوختۇرغا ئاپىرىپ تەكشۈرتسەم، ناركوز ئوكۇلى ئۇرسام ئاندىن داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىر مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى، ئۆيگە قايتىپ كۈزىتىپ بېقىشنى، ئاغرىغاندا كېلىشنى بۇيرىدى. بىراق مەن قۇرت يېشىش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن، مەن ھازىر ئۇنى ئېلىپ بېرىپ ناركوز دورىسى ئۇرغۇزۇپ چىش زاماسكىلىتامدىم ياكى يەنە كۈتۈپ كېيىن بارامدىم؟
جاۋاب: كۈتۈۋېرىپ داۋالاتماسلىق ئاقىلانە تاللاش ئەمەس، ھەرقانداق كېسەل قانچە ئېغىرلاشقانسېرى داۋالاش شۇنچە قىيىن بولىدۇ. تەكلىپىم شۇكى: تېزدىن مۇنتىزىم ئېغىز بوشلۇقى دوختۇرخانىسىغا ئاپرىپ داۋالىتىڭ.
سوئال: 4 ياشلىق بالىغا نىسبەتەن دوختۇرغا ئاپىرىپ ئېغىز بوشلۇقى تەكشۈرتۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ ئەگەر بار بولسا قايسى بۆلۈمنىڭ نومۇرىنى ئېلىش كېرەك؟
جاۋاب: مەخسۇس ئېغىز بوشلۇقى دوختۇرخانىسىنىڭ بالىلار ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىگە بېرىپ كۆرۈنۈڭ.
سوئال: ئوغلۇم 4 ياشقا كىردى. بىر تال ئۇتتۇر چىشى پۈتۈنلەي چىرىپ كەتتى. ھازىر بىر تال كامار چىش يىلتىزىغىچە چوڭقۇرلاپ كىردى، ئاغرىمايدىكەن ئەمما چىرىپ كەتكەن چىشنىڭ چىش مىلىكى باشقا چىشلىرىنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك ئېگىز. دوختۇرغا كۆرسەتسەم بىر تەرەپ قىلماي يېڭى چىشنىڭ چىقىشىنى كۈتۈشۈمنى ئېيتتى، بۇنداق قىلسام مۇۋاپىق بولامدۇ؟
جاۋاب: 4 ياشلىق بالىنىڭ ئۇتتۇر چىشىنىڭ ئالمىشىشىغا يەنە 2 يىلدەك ۋاقىت بار، شۇڭا دەرھال داۋالىتىش كېرەك.

سوئال: بالام 28 ئايلىق بولدى، 10 ئايلىق بولغاندىن باشلاپ چىشىدا كىچىك ئاق داغلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى، بۇرۇنلا چىشىنى چوتكىلاشقا باشلىغان، بىراق ھازىر ئۇتتۇر چىشىنى يەنىلا قۇرت يېيىشكە باشلىدى. ئادەتتە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ يەپمۇ كەتمەيدۇ. باشقا بالىلار چىش چوتكىلىمىسىمۇ قۇرت يېمەيدىكەن، قانداق قىلىمەن؟ يەنە قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى قانداق ئۇسۇلدا ئالغىلى بولىدۇ؟
جاۋاب: چىشنىڭ ئاسان قۇرتلاپ بۇزۇلۇپ كېتىشى ھەر بىر بالىنىڭ بەدەن يېتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چىش چىققاندىن كېيىن ئاساسلىقى ئاسراشقا باغلىق. يېمەك-ئىچمەك ۋە تازىلىق ئادىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىش، چىشنى پاكىز چوتكىلاش دېگەندەك.  

سوئال: بالام 6 ياشلىق 3 ئايلىق بولدى. يېرىم ئاي بۇرۇن ئۇنىڭ ئاستىنقى بىرتال ئۇتتۇر چىشى بوشاشقا باشلىدى. چىش ئالمىشىش دەۋرىگە كىرگەن بالىلار يېمەك-ئىچمەكتە نېمىلەرنى كۈچەيتىش، نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ بوشاپ قالغان چىشلارنى قاتتىق نەرسىلەرنى چىشلىتىش ئارقىلىق چۈشۈرۋېتىش كېرەكمۇ؟ بالىلارنىڭ چىشى ئالماشقاندا ئاتا-ئانىلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ بالىلار ئۆزلىرى نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: چىشلارنىڭ ئالمىشىشى نورمال فىزىئولوگىيىلىك جەريان. بالىلارغا چىشلىرى نورمال ئىشلەتكۈزۈش. مەسىلەن چىشلەپ ئۈزۈش، چىشلەپ تېتىش قاتارلىقلار، ئەكسىچە بۇ چىشنى ئىشلىتىشتىن قىچىشقا بولمايدۇ.

سوئال: ئوغلۇم 4 ياشقا كىردى، ئۇنىڭ چىش ئارىلىقلىرى بىرقەدەر چوڭ، ئاسانلا نەرسە كىرىۋالىدۇ، بۇ نېمە سەۋەبتىن؟ قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟A
جاۋاب: سۈت چىشلارنىڭ ئارىسىغا نەرسىلەرنىڭ كىرىۋېلىشى كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئاساسلىق سەۋەب قوشنا ئىككى سۈت چىشنىڭ ئارىسدىكى ئالاھىدە تۈزۈلۈش ۋە چىش ئوقۇرى سۆڭىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشتۇر. بۇنىڭغا نىسبەتەن چىش يېپى ئارقىلىق چىشنى تازلاش كېرەك(كۈندە بىر قېتىم بولسا مۇۋاپىق). بولمىسا ئاسانلا قوشنا ئىككى چىش ئارىسىنى قۇرت يەپ كېتىپ داۋالاش بىر قەدەر قىيىن توختايدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر