يېشىغا توشمىغان بالىلارغا كالا سۈتى بېرىشكە بولامدۇ؟

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

گېرمانىيە يېمەكلىك جەمئىيىتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلار كالا سۈتى بىلەن بېقىلسا بولمايدىكەن، ئۇلار ئانا سۈتى ۋە مەخسۇس بوۋاقلار يېمەكلىكىنى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئوزۇقلۇق، دەپ قارايدىكەن، ئۇلارنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە بازاردا سېتىلىۋاتقان يېڭى كالا سۈتى، ساپ كالا سۈتى، يەنە ماي تەركىبى تۆۋەن كالا سۈتى ياكى مايسىز كالا سۈتىنىڭ ھەممىسى بوۋاقلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كەلمەيدىكەن.
چۈنكى، بۇلارنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان ئاقسىل ۋە مىنېرال ماددىلار بولۇپ، تويۇنمىغان ماي كىسلاتاسى ۋە مىكرو ئېلېمېنت مىقدارى بەك ئاز ئىكەن.
ئۇلارنىڭ دوكلاتىدىكى تەكلىپ مۇنداق : بوۋاق ئالتە ئايلىق بولغاندىن كېيىن، تاماق سىڭدۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا دېزىنفېكسىيە قىلىنغان مايلىق كالا سۈتى قوشۇپ بەرسە بولىدۇ.  ئەمما ئازراق گۈرۈچ سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ سۈت بۇلمىقى قىلىپ بېرىش كېرەك.
بۇ خىل سۈت بۇلمىقىنى ياساش ئۇسۇلى :
200مىللىگىرام سۈتنى 20 گىرام تەييار بۇلماق تالقىنى قاتارلىق يېمەكلىكلەرگە ئارىلاشتۇرۇپ، يەنە 20 مىللىگىرام ساپ ئاپىلېسىن سۈيى ياكى باشقا ۋىتامىن C مىقدارى مول بولغان ساپ مېۋە سۈيى قوشۇش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر