«بالام دائىم تەرلەيدۇ، ئاغرىپ قالمىغاندۇ-ھە؟ ئۇخلىسىلا پۈتۈن بەدىنى تارلەيدۇ، نېمە ئىشتۇ؟ ئەنسىرەپ قالدىم، ياكى بۇ بەدىنى ئاجىزلىقتىنمىدۇ ؟»
ھەر قېتىم مۇشۇنداق گەپلەرنى كۆرگىنىمدا، شۇنداق دېگىم كېلىدۇ:
« بۇنى ئاجىز دېمەيمىز، بالا دېگەن ئىسسىقتىن قورقىدۇ!»
بالا تۇغۇلىشىدىلا چوڭلارغا ئوخشاش تەر بېزى بولىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرلىغاندا، ئۇلارمۇ تەرلەش ئارقىلىق ھارارىتىنى چۈشۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ تەرلىگىنى شۇ ئىسسغىنى، كۆپ كىيىۋالغانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر.

چوڭلار چېغىدا تەرلىمىسە، بالا نېمىشقا تەرلەيدۇ؟
چۈنكى بالا دېگەن توختىماي مىدىرلايدۇ، سىز جىم ئولتۇرسىڭىز ئەلۋەتتە تەرلىمەيسىز-دە. چوڭلار ئۆينىڭ ئىچىدە ئاستا ئۇياقتىن- بۇياققا ھەرىكەت قىلىپ بېقىڭلار، شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ قانچىلىك ئىسسىيدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار چوڭلاردىن بىرقۇر ئارتۇق كىيىم كىيسە بولىدۇ، لېكىن كىچىك بالىلار چوڭلارغا ئوخشاش قېلىنلىقتا كىيىنسە كۇپايە، بالىلارنىڭ بويۇن قىسمى نورمال تېمپېراتۇردا بولسىلا بولىدۇ.

نېمىشقا ئەمدى ئۇخلاپلا تەرلەيدۇ؟
ئۇخلاشنىڭ مەلۇم باسقۇچىغا كەلگەندە، تىنىق بىلەن يۈرەكنىڭ سوقۇش قېتىم سانى ئاستىلاپ، مۇسكۇللار بوشايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بەدەننىڭ ئەڭ بوشاشقان، راھەت ۋاقتى. مۇشۇنداق ۋاقىتتا بەزى بوۋاقلاردا چۈشكۈرۈش، تەرلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ھەتتا كىيىملىرىمۇ ھۆل بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى بوۋاقلارنىڭ قېنىپ ئۇخلاش ۋاقتى چوڭلاردىن ۋە كىچىك بالىلاردىن ئۇزاق بولىدۇ.
يۇقارقىدەك ۋاقىتلاردا، بوۋاقلارنىڭ قېلىن كىيگەن-كىيمىگىنىنى، ئۆينىڭ گىرادۇسىنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش كېرەك.

ئىسسىقلىقنى تارقىتىشتا باش قىسمىغا تايىنىدۇ
ئاتا-ئانىلار بوۋاقلارنىڭ تەر بېسىپ كەتكەن بېشىنى تۇتۇپ، تەرلىشى بەك كۆپ دەپ ئەنسىرەيدۇ، بۇ ئەسلىدە ئۇلارنىڭ تەر بېزىنىڭ تېخى تەرەققىي قىلىپ بولمىغىنىدىن بولىدۇ، باش قىسمىغا تايىنىپ ئىسسىقلىقنى تارقىتىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : نېمە ئۈچۈن بوۋاقلارنىڭ يىغىسىنى پايدىلىق دەيمىز ؟
- كېيىنكىسى : كىچىك بالىلارنى سۇ ئۈزدۈرگەندە ......
بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلار ساغلاملىق سالونى خەۋىرى: سىز بوي ئېگىزلىكىنى چۈشۈنەمسىز؟ بوي ئېگىزلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. بويئېگىزلىكى ئۆسۈشتىكى ئ
بالىلار جىنسىي كېسەللىك بىلەن قانداق يۇقۇملىنىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلاردا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى: 1.ئائىلىدە يۇقۇملىنىش. با
بۇ 10 خىل يېمەكلىك بالىڭىزغا كالتسىي تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ ئەلداۋادىن ئانىلار يېتەكچىسى: بالىڭىزدا كالتسىي كاممۇ؟ ئۇخلىمىقى تەسكە چۈشىۋاتامدۇ؟ دائىم ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىك يەيمەن دەپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋاتامدۇ؟ تاماققا ئى
تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇراقلىق چىش بولسا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چىقىدىغان ئىككىنچى خىل چىش بولۇپ، سەۋەبسىز كېسەل ب
ئۇماقلاردىكى سۈت چىشنىڭ رولىنى بىلىۋېلىڭ ئەلداۋادىن ھەر بىر ئاتا-ئانىلار سەمىگە: سۈت چىشى بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسىنى تۈزگۈچى مۇھىم ئەزا بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال شەكىلل
