بالىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئۇخلىشى مۇۋاپىق ئەمەس

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر سوتكىسىغا ئۇخلاش ۋاقتى 9 سائەت، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 10 سائەت بولىدۇ. ئەگەر باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى بۇ چەكتىنمۇ ئېشىپ كەتسە، ئۇ ھالدا بۇ، ئۇلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نۇرمال ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. چۈنكى ئادەم ئۇخلاۋاتقاندا چوڭ مېڭىنىڭ ئۇيقۇ تۈگۈنى ھاياجانلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، ئەمما باشقا تۈگۈنلەر ئاللىقاچان كونترول ھالىتىدە تۇرىدۇ.


ئەگەر بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ئويقۇ تۈگۈنى چارچاپ كېتىدۇ ـ دە، باشقا تۈگۈنلەرنىڭمۇ كونترول قىلىنىش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىپ، ئەسلىگە كېلىش جەريانى ئاستىلاپ قالىدۇ. شۇڭا بۇنداق بالىلار ئۇخلاپ قوپقاندىن كېيىن ئۆزىنى گالدا ــ گۇلدۇڭ ۋە روھسىز ھېس قىلىدۇ. بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ تەرەققىياتى بۇ مەزگىلدە تېخى مۇكەممەل يېتىلمىگەن بولىدۇ. مانا بۇ، بالىلاردا مەلۇم دەرىجىدىكى ‹‹چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكى››نى پەيدا قىلىپ، چۈشىنىش ئىقتىدارى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر