بالدۇر ياكى كېچىكىپ تۇغۇلۇش بالىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ  

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/27 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بەزى كىشىلەر: بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغاندىن كېچىكىپ تۇغۇلغىنى ياخشى. بالا كېچىكىپ تۇغۇلسا، ئوزۇقلۇقنى كۆپ قوبۇل قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن بالا بالدۇر ياكى كېچىكىپ تۇغۇلسا، ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

يېقىندا گوللاندىيەنىڭ بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كېچىكىپ تۇغۇلغان بالىنىڭ جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە بالدۇر گىرىپتار بولىدىغانلىقى بايقالغان.

ئادەتتە ساغلام بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشىغا 40 ھەپتە ۋاقىت كېتىدىكەن، 37 ھەپتىدىن 42 ھەپتىگىچە بولغان ئارىلىقتا تۇغۇلغان بالا ئاي-كۈنى توشۇپ تۇغۇلغان بالا ھېسابلىنىدىكەن. كېچىكىپ تۇغۇلغان بالىدا، چوڭ مېڭە ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن. ئاي-كۈنى توشقاندا، زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ بالىنى بالدۇر تۇغدۇرۇۋېلىش بالىنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق ئىكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر