بالىلاردا كۆرۈلىدىغان قەۋزىيەت ياش ئاتا-ئانىلارنىڭ باش ئاغرىقى. بۇ مەسىلە ھەققىدە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا بالىلار بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋىراچى، بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى لى مىن مۇنداق دېدى: ئادەتتە ئېمىۋاتقان بوۋاقلارغا ئانا سۈتى يېتىشمىسە قەۋزىيەت كۆپ كۆرۈلىدۇ. بىر ياش ئەتراپىدىكى بوۋاقلار ئانىسىنى ئېمىشتىن قوشۇمچە يېمەكلىك يېيىش باسقۇچىغا ئۆتىدىغان بولغاچقا، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى يېتەرلىك بولماي، ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ. ئىككى ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلاردىمۇ قەۋزىيەت كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى تەرىتى قاتتىق، كاللەك كېلىشتىن باشقا، دىققىتىنى يىغالماسلىق، تىت-تىت بولۇش، ئۇيقۇچان، يىغلاڭغۇ، ئىنكاسى ئاستا بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بالىلاردا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە ساپ مېۋە شەربىتى، كۆكتات شەربىتى (ئائىلىدە تەييارلانغان) ئىچسە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.

بوۋاقلار سۈت پاراشوكى بىلەن بېقىلىۋاتقاندا قەۋزىيەت بولۇپ قالسا، سۈت پاراشوكىغا ئازراق ئاق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك. ئانا سۈتى يېتىشمەسلىكتىن قەۋزىيەت بولغاندا، كۆپرەك ئېمىتىش ئارقىلىقمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلار ساغلاملىق سالونى خەۋىرى: سىز بوي ئېگىزلىكىنى چۈشۈنەمسىز؟ بوي ئېگىزلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. بويئېگىزلىكى ئۆسۈشتىكى ئ
بالىلار جىنسىي كېسەللىك بىلەن قانداق يۇقۇملىنىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلاردا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى: 1.ئائىلىدە يۇقۇملىنىش. با
بۇ 10 خىل يېمەكلىك بالىڭىزغا كالتسىي تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ ئەلداۋادىن ئانىلار يېتەكچىسى: بالىڭىزدا كالتسىي كاممۇ؟ ئۇخلىمىقى تەسكە چۈشىۋاتامدۇ؟ دائىم ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىك يەيمەن دەپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋاتامدۇ؟ تاماققا ئى
تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇراقلىق چىش بولسا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چىقىدىغان ئىككىنچى خىل چىش بولۇپ، سەۋەبسىز كېسەل ب
ئۇماقلاردىكى سۈت چىشنىڭ رولىنى بىلىۋېلىڭ ئەلداۋادىن ھەر بىر ئاتا-ئانىلار سەمىگە: سۈت چىشى بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسىنى تۈزگۈچى مۇھىم ئەزا بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال شەكىلل
