بالىلارغا ياخشى قارايلى!2ياشلىق بالىنىڭ ئاغزىغا چوكا كىرىپ كەتتى

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

شىنجاڭ سەھەر گېزىتى خەۋىرى، ئۇيغۇرچە جەۋھەرلەر | 维吾尔精选  سالونى تەرجىمىسى: ئەر-ئايال ئىككىيلەن مېھمانلارغا قاراش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ئەمدىلا 2 ياشقا كىرگەن ئوغلىنىڭ چوكا ئويناۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلمىدى. تۇيۇقسىز بالا يىقىلىپ چۈشۈپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى، ئانا دەرھال بېرىپ يۆلىگەن چاغدا، چوكىنىڭ يېرىمدىن ئۇزۇنراق قىسىمى بالىنىڭ ئاغزىغا كىرىپ كەتكەن...

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بالىلار تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ ئۇقۇشىچە، بالا دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندە، بالىنىڭ كېكىردەك-يۇتقۇنچاق، قىزىل ئۆڭگەچلىرى يېرىلىپ ئېغىر زەخىملەنگەن، ئۆپكىسى ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇملانغان، ئىككى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىملاشقان. بالا ھازىرمۇ ئېغىر كېسەللىكلەرنى كۆزىتىپ داۋالاش ئۆيىدە بولۇپ، كۆكرەك بوشلۇقىغا چۈشكەن سۇ تازىلىنىپ، كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ئادەتتىكى بالنىستقا يۆتكەپ چىقىشقا بولىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ياسىنجاننىڭ ئۆيى قەشقەر پەيزىۋاتتا بولۇپ، ئاتا-ئانىسى دېھقان ئىكەن. ئۇ كۈنى، ئۆيگە مېھمان كەلگەن بولۇپ، ئاتا-ئانىسى مېھمانلارنى كۈتۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ئوغلىنىڭ قولىغا چوكا ئېلىۋېلىپ ئويناۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلمىغان. كۈتمىگەندە، ياسىنجان يىقىلىپ چۈشۈپ، قولىدىكى چوكا ئاغزىغا كىرىپ كەتكەن. ھازىرغىچە ياسىنجاننىڭ داۋالىنىش خىراجىتى 140 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، ئۆيىدە ئارتۇق ئىقتىساد بولمىغاچقا، دوختۇر-سېسترالار 5000 يۈەندىن كۆپرەك ياردەم قىلغان، دوختۇرخانا بالىنىڭ ئانىسىنىڭ دوختۇرخانىدا تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ ئىشلىگەچ بالىسىغا قارىشىغا قوشۇلغان، جەمئىيەتتىكى ھەر سائە كىشىلىرىمۇ يېقىندىن ياردەم قىلغان.
بالا-قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس، پۇت قولىنى ساڭگىلىتىپ، دەيدىغان گەپ بار. ئەمما، بالىلارغا كېلىۋاتقان بۇنداق كۈتۈلمىگەن بالا-قازالاردا ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى يوقمۇ ئەمەس. شۇڭا، جەمئىيەتتىكى بارلىق ئاتا-ئانىلارغا بالىلارغا ياخشى قاراشنى، ئۇلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە روھىي ساغلاملىقىغا خەۋپ تۇغدۇرغۇچى ئامىللاردىن ۋاقتىدا ساقلىنىشنى چاقىرىق قىلىمىز!!! تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن، بۇ تېمىنى كەڭ تارقىتىپ قويۇشۇڭلارنى ئىلتىماس قىلىمىز....

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر