بالا ئىسمىداپ قالغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

بالىنىڭ ئىسمىداپ قېلىشى كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولۇپ، كۆپ قىسىم ئىسسىتما قايتۇرۇپ، ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلار رېتسېپسىز دورىلار بولغاچقا، نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار دورىخانىلاردىن بىر قىسىم دورىلارنى سېتىۋېلىپ ئۆيلىرىدە ساقلاپ قويىدۇ. ئەمما، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئانتىنفان (消炎痛)، PPC تابلېتى(氨非咖片)، ئانالگىن(安乃近)، سومېدون(去痛片)، ئانتوندىن(安痛定) قاتارلىق ئىسسىتما قايتۇرۇپ، ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلار بالىلارغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. ئاتسېتو ئامىنو فېنول(乙酰氨基酚) نۆۋەتتە ئىشلىتىلىشى نىسبەتەن كەڭ بولغان ئىسسىتما قايتۇرۇپ، ئاغرىق توختاتقۇچى دورا، ئەمما ئۈچ ياشتىن كىچىك بالىلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. تەركىبىدە ئىككى خىلورلۇق ناترىي سىترات كىسلاتا بولغان زۇكام دورىسىنى بالىلارغا ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. بالا ئىسمىداپ قالسا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالاش كېرەك، ئادەتتە ئۈچ ئايلىقتىن ئاشقان بالىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى℃38.5 تىن ئېشىپ كەتكەندە بروفېن(布洛芬) ۋە مىلام(美林) قاتارلىق ئىسسىتما قايتۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلەتسە، نىسبەتەن بىخەتەر بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر