بالىلار تەبىئىيلىكى، سەبىيلىكى بىلەن ئوماق ھەم چىرايلىق

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى | ۋاقتى: 2011/09/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: روشەنگۈل ئابدۇراخمان | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

دوستۇمغا ھەمراھ بولۇپ پەردازخانىغا كىرگەنىدىم. پەردازخانىدا ئادەم كۆپ بولغاچقا ئۆچىرەت ساقلاشقا توغرا كەلدى. شۇ ئەسنادا يەتتە ياشلاردىكى بىر قىزنىڭ چاچ ياساش ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. ئەسلىدە گىرىمچىك قىزنىڭ ئانىسىنىڭ تەلىپى بويىچە بۇ قىزنىڭ چېچىنى بۈدرە قىلىۋاتقانىكەن. گىرىمچىك بۈدرە قىلىشتا ئىشلىتىدىغان توك تايىقىنى ھەر قېتىم قىزنىڭ بېشىغا يېقىن ئەكەلگەندە قىز قورققىنىدىن: «ئاپا، چېچىمنى بۈدرە قىلمايمەن» دەپ يالۋۇرۇپ يىغلايتتى.


-تولا يىغلاۋەرمەڭ، ئەتتىگەن كىرپىكىڭىزنى قايرىغاندا جىم تۇرماي قاپىقىڭىزنى زىدە قىلىۋالدىڭىز، ئەمدى جىم تۇرمىسىڭىز بېشىڭىزنى كۆيدۈرۈۋالىسىز. قاراڭ، تويدا ھەممىدىن چىرايلىق بولامدىكىن، دەپ قىلغان گىرىمنى بىر يىغلاپلا بۇزدىڭىز،-دېدى ئانا قىزىغا كايىغان تەلەپپۇزدا.

 


ئەسلىدە بۈگۈن بۇ ئايالنىڭ دوستىنىڭ ئوغلىنىڭ سۈننەت تويى ئىكەن. ئايال قىزنى سۈننەت تويغا ئاپىرىش ئۈچۈن ئالايىتەن پەردازخانىغا ئېلىپ كەلگەنىكەن. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن، قىز ئانىسىنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقماي يىغلاپ، «چىرايلىق يۈزى» دىكى گىرىمنى بۇزۇۋەتكەن. ئىككى تاسما بىلەن دولىسىغا ئېسىۋالغان ئاتالمىش «ئەتلەس توي كۆينىكى» نىمۇ مەينەت قىلىۋەتكەنىدى. دوستۇمنى ساقلىغاچ، قىزچاقنىڭ چىرايىغا سەپ سالدىم، قىزنىڭ ئوماق چىرايى تۇتۇلغان، قاپاقلىرى ئىششىپ كەتكەنىدى، ئوڭ قاپىقىنىڭ كىرپىك قايرىغۇچتا قىسىلغان يېرى قىزىرىپ قالغانىدى. قىزنىڭ يۈزىدىكى قېنىق گىرىم ئۇنى يا چوڭ ئادەمگە، يا كىچىك بالىغا ئوخشىمايدىغان سىياققا كىرگۈزۈپ قويغانىدى. ئويلاپ قالدىم: بالىلار پەردازسىزمۇ شۇنداق ئوماق، چىرايلىققۇ؟ نېمە كىيسە يارىشىدىغۇ؟ بۇ قىزچاققا گىرىم قىلىنمىغان ئۇچىسىدىكى ئەتلەس كۆينىكى مىللىي پاسوندا تىكىلگەن بولسا، ئۇنىڭ ئوماق، سۈتتەك چىرايى تېخىمۇ ئېچىلىپ، پەرىشتىگە ئوخشاپ قالماسمىدى...

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر