بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈش زۆرۈر ئىقتىدارلار

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/27 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 1. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەش ئىقتىدارى بىز خىزمەت جەريانىدا مۇنداق ئىككى خىل ئادەمنى دائىم دېگۈدەك ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بىر خىلى، ئۆزىگە تەۋە ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ خىزمەت دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن ئىشنى قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇلار قانچە كۆپ ئىشلىسە، شۇنچە كۆپ زىيان تارتىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ، شۇڭا پەقەت رەھبەرلىك ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلارنىلا قىلىدۇ، خىزمەت قىزغىنلىقىمۇ ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ، خىزمەتتە ياخشى نەتىجىلەرنى ئاساسەن قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ؛ يەنە بىر خىلى، ناھايىتى كۆپ خىزمەتنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، خىزمەت قىزغىنلىقى يۇقىرى، ئاددىي خىزمەتلەرنىمۇ ئەستايىدىل قىلىپ باشقىلارنىڭ ئويلىغىنىدىن ئاشۇرىۋېتىدۇ، خىزمەتتە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتا ـ ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپلا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىگە ئەھمىيەت بېرىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

2. ئۆز ـ ئۆزىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى بىرىنچىدىن، ئاتا ـ ئانىلار ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ياخشى تىزگىنلىشى كېرەك، ئەگەر ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ياخشى تىزگىنلىيەلمەي تۇرۇپ، ھە دېگەندە بالىسىدىن خاپا بولسا، قانداق قىلىپ بالىدىن كەيپىياتىنى تىزگىنلەشنى ئۈمىد قىلغىلى بولسۇن؟ ئىككىنچىدىن، بالىلارنىڭ قائىدە ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. مەسىلەن، قىزىل چىراغنى بېسىپ ئۆتمەسلىك، ئۆچرەتكە قىسىلماسلىق، قالايمىقان ئەخلەت تاشلىماسلىق، ئاممىۋى سورۇنلاردا يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشمەسلىك ياكى ۋاراڭ ـ چۇرۇڭ قىلماسلىق قاتارلىقلار.

3. مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارى ئاتا ـ ئانىلار بالىسىغا يېتەرلىك پىكىر قىلىش ۋاقتى ۋە بوشلۇقى بېرىشى كېرەك. بەزى ئاتا ـ ئانىلار بالىنىڭ بىرەر ئىشنى ياخشى قىلالمىغانلىقىنى كۆرگەن ھامان، دەرھال بالىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا، ئۆزلىرى بىلىدىغان بىلىملەر ۋە تەجرىبىلەرنى بالىغا بىۋاسىتە ئۆگىتىشكە ئالدىراپ كېتىدۇ. بۇ بالىغا مۇستەقىل پىكىر قىلىش پۇرسىتىنى بەرمىگەنلىك بولۇپ، بالىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز.

4. باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئىقتىدارى ئاتا ـ ئانىلار بالىغا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىش قىلىش پۇرسىتىنى كۆپرەك يارىتىپ بېرىشى، مەسىلەن، ئائىلە ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇش، تاماق ئېتىشكە ياردەملەشتۈرۈش ئارقىلىق، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەشنى ئۆگىتىشى ھەم باشقا بالىلار بىلەن ئويناش پۇرسىتىنى كۆپرەك يارىتىپ بېرىشى كېرەك. بۇنىڭدا بالىلار ئاستا ـ ئاستا كىشىلىك ئالاقە  ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئۆگىنىدۇ.

5. مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارى ئاتا ـ ئانىلار قايسى ئىشلار بالىنىڭ ئىشى، قايسى ئىشلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىشى، بالىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزلىرىگە يۈكلىۋالماسلىقى كېرەك. مەسىلەن، تاپشۇرۇق ئىشلەش بالىنىڭ ئىشى بولۇپ، ئاتا ـ ئانىلار بۇ ئىشقا بەك ئارىلاشماسلىقى، تەشەببۇسكارلىقنى بالىلارغا بېرىشى، ئۆگىنىشكە بالىلار ئۆزلىرى مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

6. ئۆزىنى تونۇش ئىقتىدارى بالا كىچىك چېغىدا ئاتا ـ ئانىلار كۆپ ھەمراھ بولۇپ ۋە كۆزىتىپ، بالىنىڭ  تالانتى ۋە خاراكتېرىنى چۈشىنىشى ھەم خاراكتېرىغا ماسلاشتۇرۇپ تەربىيەلىشى كېرەك. چوڭ بولغانسېرى كۆپ ساھەلەر بىلەن ئۇچرىشىشقا ئىلھام بېرىپ، بالىنىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تونۇشىغا ۋە نەزەر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

7. باشقىلارنى چۈشىنىش ئىقتىدارى بالىنىڭ كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن چاغدا ئاتا ـ ئانىلار بالىنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشىنىشى، بالىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئاتا ـ ئانىلارنىڭ بالىنى چۈشىنىشى ياكى چۈشەنمەسلىكى بالىنىڭ باشقىلارنى چۈشىنىش ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

8. ئاكتىپ، ئۈمىدۋار بولۇش ئىقتىدارى ئاتا ـ ئانىلار بالا بىلەن بولغان ھېسسىيات باغلىنىشىنى ياخشى ساقلىشى كېرەك، ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىكى قوللىشى بالىنىڭ ئاكتىپ ۋە ئۈمىدۋارلىقىنى شەكىللەندۈرۈشىگە پايدىلىق.

بۇ ئىقتىدارلارنى بىردەم قىزىش ۋە بىردەم سوۋۇش بىلەن يېتىلدۈرگىلى بولمايدۇ. ئاتا - ئانىلار كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ھەر بىر سۆز ـ ھەرىكىتى ئارقىلىق بالىغا تەسىر كۆرسىتىشى، ئاڭلىق ھالدا ياردەم بېرىشى ۋە يېتەكلىشى، بالىنىڭ كەلگۈسىدىكى بەختلىك ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھاياتىغا پۇختا ئاساس سېلىپ بېرىشى كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر