بالىلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/06 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

   ئەلداۋادىن ئاتا-ئانىلار سەمىگە: يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى ھەققىدە سۆز ئېچىلسا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلار بىلەن باغلاپ، قان بېسىمى يۇقىرىلاپ كېتىۋاتقان بالىلارنىڭ يىلمۇيىل كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. تەتقىقات ماتېرىياللىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدە بالىلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %14.1 ۋە %13.3 كە يەتكەن؛ ئېلىمىزدە بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى ۋە يەنئەن دوختۇرخانىسى 5000 نەپەر 18 ~ 6 ياشلىق بالىلار ۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ قان بېسىمىنى تەكشۈرگەندە، قان بېسىمى يۇقىرىلاپ قالغانلارنىڭ %9.36 كە يەتكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ بالىلار بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىنىڭ كەلگۈسى  « ئىزباسار »  لىرىدۇر. 

بالىلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى تېخى ياشانغانلاردەك يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە ئوخشاش ئېتىبار بېرىشكە ئېرىشكىنى يوق. ئۇنىڭ سەۋەبى، بىرىنچىدىن، بالىلار كېسەللىك ئالامەتلىرىنى توغرا ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ ياكى ئېيتىپ بېرەلەيدىغانلىرى ناھايىتى ئاز بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بالىلار دوختۇرى بۇنىڭغا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئىگىلىنىشىچە، نۇرغۇن دوختۇرخانىلار، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ كۈندىلىك ئامبۇلاتورىيىسىدە بالىلارنىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچەش ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىكەن. ھالبۇكى، بالىلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك كېسەللىك ئالامەتلىرى بىرقەدەر ئاز كۆرۈلگەنلىكتىن، نۇرغۇن بالىلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە دىياگنوز قويۇلماي قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، 7 ~ 3 ياشلىق بالىلارنىڭ كېڭىيىش بېسىمى 80 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن ئېشىپ كەتسە، 14 ~ 8 ياشلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ كېڭىيىش بېسىمى 85 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن ئېشىپ كەتسە، قان بېسىمى نورمال ئەمەس دەپ قاراشقا بولىدۇ. بالىلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى باش قېيىش، كۆز تورلىشىش، باش ئاغرىش، بەدەن تارتىشىش، قۇسۇش، نەپەسلىنىش قىيىنلىشىش، يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. %33 تىن %55 كېچە بالىلاردا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى  كۆرۈلمەيدۇ، ھەتتا قان تومۇرنىڭ كېڭىيىش بېسىمى 120 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن ئېشىپ كەتكەن چاغدىمۇ، غەيرىي نورمال ئالامەت كۆرۈلمەي، ئائىلە باشلىقىنىڭ سەل قارىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. 
 
بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشىغا ئېلىپ بارىدىغان ئامىللار ئاتا-ئانىدىن ئىرسىيەت بولۇشتىن باشقا، ئاساسلىقى كېيىن پەيدا بولغان بەزى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ. مەسىلەن: (1) يېمەك-ئىچمەككە چەك قويماسلىق، سەمرىپ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش. (2) ئوزۇقلىنىشتىكى ماسلاشماسلىق، تەكشۈرۈش ئارقىلىق %70 ~ %60 بالىلارنىڭ تۇز، شېكەر، ماي تەركىبى يۇقىرى ۋە كالتسىي، ماگنىي، ۋىتامىن ۋە تالا ماددىسى تەركىبى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغانلىقى مەلۇم بولدى. (3) ھەرىكەت كەمچىل بولۇش. (4) ئۆگىنىش يۈكى ئېغىر، تاپشۇرۇق ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بالىلارنىڭ خۇلق-مىجەزى « چوڭ ئادەم » لىشىپ، دەرسخانىدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ، ئەقلىي ئەمگەك قىلىدىغان چوڭلاردىن پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقتىن، بالىلارنىڭ ئىچكى ئاجراتما خىزمىتى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچراپ، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 
يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كېسەل بولۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، زور كۆپچىلىكنىڭ جەمەت ئىرسىيەت تارىخى بولىدۇ. ئەمما، ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان پاكىت شۇكى، بۇنىڭدا كېيىن پەيدا بولغان مۇھىت ئامىللىرىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە سېمىزلىك ئەڭ خەتەرلىكتۇر. چەت ئەلدىكى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ يېرىمى سېمىز بالىلار ئىكەن. ئەمەلىيەتتە، ئىرسىيەت خاراكتېرلىك يۇقىرى قان بېسىمى جەمەت تارىخى بولغان نۇرغۇن بالىلار ئەگەر كېيىن پەيدا بولغان ناچار ئامىللاردىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلسا، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولمايدۇ ياكى كېسەل بولۇش يېشىنى كېچىكتۈرەلمەيدۇ. سېمىزلىكنى داۋالاشتا، ئالدى بىلەن ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىش، جۈملىدىن يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىش، جۈملىدىن يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىش، تاتلىق يېمەكلىكلەرگە چەك قويۇش، تەركىبىدە شېكەر مىقدارى يۇقىرى بولغان ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك، ياغدا پىشۇرۇلغان ۋە سېمىز گۆشتىن تەييارلانغان مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، ئەمما ھەجمى كىچىك يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، تەركىبىدە تالا ماددىسى كۆپ ۋە تىرىپلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىشكە ئىلھاملاندۇرۇش، ھەر خىل تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى ۋە جىسمانىي ئەمگەككە قاتنىشىشتەك ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش لازىم. 
ئەلداۋادىن سەمىمىي تەكلىپ: ئىستاتىستىكا ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، %40 سېمىز كىشىلەردە سېمىزلىك بالىلىق دەۋرىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۇ يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى، دىيابېت كېسەللىكى، جىگەرنى ماي قاپلاش قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى پەيدا بولىدىغان پارنىكقا ئايلانغان. سېمىز بالىلارنىڭ سانىنى قانداق ئازايتىش، ئارتېرىيە قېتىشتىن بولىدىغان يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشىنى دەسلەپكى مەزگىلدىلا توسۇش بۈگۈنكى جەمئىيەت ئېتىبار بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلىگە ئايلاندى. بۇنىڭغا ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ھەرگىز سەل قارىماسلىقى كېرەك. 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر