بالىلار جىنسىي كېسەللىك بىلەن قانداق يۇقۇملىنىدۇ؟

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات:
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلاردا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى:
1.ئائىلىدە يۇقۇملىنىش.

بالىلار جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ئائىلە ئەزالىرى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا زىچ ئۇچرىشىشتىن يۇقۇملىنىدۇ. ئەگەر ئەر نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ سۆزنەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بولسا خوتۇنىغا يۇقتۇرىدۇ، ئاندىن بالا ئانىسى بىلەن مۇنچىدا بىللە يۇيۇنۇش ياكى لۆڭگە، سوپۇنلارنى ئورتاق ئىشلىتىش نەتىجىسىدە بۇ كېسەللىك بالىغا يۇقىدۇ.

 


2. ئاممىۋى سورۇنلاردا يۇقۇملىنىش.

يەسلىدىكى بالىلار جىنسىي كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى بىلەن بۇلغانغان بۇيۇملار بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ.


3.دوختۇرخانا مەنبەلىك يۇقۇملىنىش.

دوختۇرخانىدا بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى قان سېلىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلارنىڭ قان سالدۇرۇش سەۋەبىدىن B تىپلىق، C تىپلىق جىگەر يەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يىلدىن- يىلغا ئاشماقتا.


4. سىفلىس ۋە ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن تۇغما يۇقۇملىنىش.

ئانىسى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ياكى ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى جىنسىي كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغان بولسا، ئۇ ۋېرنىكال يۇقۇملىنىش شەكلىدە بالىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ.

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر