بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلار

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/09/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ساغلاملىق سالونى خەۋىرى:

سىز بوي ئېگىزلىكىنى چۈشۈنەمسىز؟ بوي ئېگىزلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى.

بوي ئېگىزلىكى ئۆسۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاقىتلار قايسى؟ بىرىنچى باسقۇچى تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئىككى ياشقىچە، ئىككى ياشقا كىرگەندە بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى چوڭلارنىڭ بوي ئېگىزلىكىنىڭ يېرىمىغا يېتىپ بولىدۇ، ئىككىنچى باسقۇچ ياشلىق مەزگىلى، بۇ مەزگىلدە بالىلارنىڭ بويى تېز سۈرئەتتە ئېگىزلەيدىغان بولۇپ، بەدەنگە ئوزۇقلۇق تولۇق بولسا، بويى ئېگىز بولىدۇ.

 

ھەممەيلەن بىلىدۇ بوي ئېگىزلىكى چوڭ نىسبەتتە ئېرسىيەت ئامىلى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئېرسىيەت ئامىلى %80-%60 كىشىلەرنىڭ بوي ئېگىزلىكىنى بەلگىلەيدىكەن. لېكىن 1980-1930-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىقتىسادى ئەھۋالى ئەڭ ياخشى بولغان دۆلەتتىكى كىشلەرنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئۆسۈشنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان، ئىقتىسادى ئەھۋالى ئەڭ ناچار بولغان دۆلەتنىڭ كىشىلىرىنىڭ بوي ئېگىزلىكىدە ئاساسەن ھېچقانداق ئۆزگىرىش يۈز بەرمىگەن. يەنە بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كورىيەدىكى 7.49-6.5 ياشقىچە بولغان ئوغۇل بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئوخشاش مىللەتتىكى ئوخشاش ياشتىكى چاۋشىيەندە تۇرىۋاتقان بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكىدىن تەخمىنەن 13 سانتىمېتىر ئېگىز چىققان. يېقىنقى 10 نەچچە يىل ۋاقىت ئىچىدە ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى مىللەت كىشىلەرنىڭ گېنىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى ئانچە مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، ئۇنداقتا ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆزگىرىشى نېمىشقا ئوخشاش بولمايدۇ ؟

بۇ زادى نېمە ئۈچۈن ؟

چۈنكى بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆزگىرىشىنى پۈتۈنلەي گېن ئامىلى بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ، گېن ئامىلىدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ئامىللار بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرستىدۇ، بۇ دەل مۇھىت ئامىلى.

تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ئوزۇقلۇق بوي ئېگىزلىكىگە ئەڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىت ئامىلى ئىكەن. ھاملە ۋاقتىدىكى ئوزۇقلۇق بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر ھامىلىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسىلىك، بۇرۇن تۇغۇلۇپ قېلىش، تۇغۇلغان ۋاقىتتا ئېغىرلىقى زىيادە تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلار كۆرۈلسە، بالا چوڭ بولغاندىن كېيىن بويىنىڭ ئۆسۈشى توسالغۇغا ئۇچرايدىكەن. بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك بالىنىڭ بويىنىڭ ئۆسىشىنى ئاستىلىتىۋېتىدىغان بولۇپ، بالا پاكار بولۇپ قالىدىكەن.

 

بوي ئېگىزلىكىگە تەىسر كۆرسىتىدىغان ئوزۇقلۇقلار ئىچىدە، ئاقسىل ئەڭ مۇھىم، ئاقسىل بولسا ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبى قىسمى، بەدەندىكى ئاقسىلنىڭ ئاز-كۆپلىكى، سۈت تۈرىدكى يېمەكلىكلەر، بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ قۇبۇل قىلىنىش مىقدارى بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئاقسىلدىن باشقا يەنە ۋىتامىن A ۋە ۋىتامىن Dمۇ بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم تەركىبلەردۇر، ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى، بېلىق مېيى، مايلىق سۈت، تۇخۇم قاتارلىقلار ۋىتامىن Aنىڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى، بېلىق، ھايۋانلار جىگىرى، تۇخۇم قاتارلىقلار تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن D بار بولۇپ، ئادەتتە كۆپ ئاپتاپقا قاقلىنىش ۋىتامىن D قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.

سۈتنىڭ بوي ئېگىزلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى چوڭ بولۇپ، سۈت تەركىبىدىكى كالتىسىي، فوسفور قاتارلىق ماددىلار، ۋىتامىن B، ۋىتامىن A، ۋىتامىن D قاتارلىق ۋىتامىنلار، سۈپەتلىك ئاقسىل قاتارلىقلار بوي ئۆستۈرۈشتتىكى كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبلەر بولۇپ، سۈتنى كۆپ ئىچىپ بەرگەندە بوي ئۆسۈشكە پايدىلىق.

بەدەن چېنىقتۇرۇشمۇ بوي ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ سۆڭىكى چىڭىپ، مۇسكۇللارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، سىرتتا چېنىقىش بالىلارنىڭ بەدىنىگە تەبىئىي ۋىتامىن D تولۇقلايدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆسىشىگە پايدىسى ئىنتايىن زور.

شۇڭلاشقا ئەڭ ياخشى بوي ئېگىزلىكىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بالىلىق مەزگىلىدىن باشلاپ يېتەرلىك ئوزۇقلۇق تولۇقلاش، بولۇپمۇ سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلاش، شارائىت يار بەرسە كۆپ ئاپتاپقا قاقلىنىش كېرەك، شۇندىلا ئادەم بەدىنىدىكى گېن ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۈنۈملۈك بوي ئۆستۈرۈش ئارزۇسىغا يەتكىلى بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر