بالىلىقتىكى روھى ئېھتىياج

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: گۈلنار تىيىپ | ۋاقتى: 2011/10/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: گۈلنار تىيىپ | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ھەر بىر قورامىغا يەتكۈچى ئۆزىنىڭ كېيىنكى بوغۇملىرى يەنى ئىنى-سىڭىل، پەرزەنت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىزدىن كېيىنكى جەمئىيەت  ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقى شۇنىڭ بىلەن بىرگە نورمال مۇئامىلە ۋە مۇھەببەت بىلەن بالىنىڭ پسىخىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ ئۆزىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى زەنجىرلىك رولىنى كېيىنكىلەرگە گۈزەل ھالەتتە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
   بالىلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان مەزگىلى  بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى بولۇپ، بۇ باسقۇچتا بالىلارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭى تېز سۈرئەتتە  تەرەققى قىلىدۇ. غورۇر، ئىشەنچ، ھۆرمەت ئېھتىياجى، ئېتىراپ قىلىنىش ئېھتىياجى، سىرداش دوست تۇتۇش ئېھتىياجى، سىر ساقلاش ئېھتىياجى، يات جىنسلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئېھتىياجى كۈچلىنىدۇ. بولۇپمۇ غورۇر، ئىشەنچ، ھۆرمەت ئېھتىياجى ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇپ، ئاتا ئانىلار ، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزىدە مۇشۇ خىل ئېھتىياجىغا دەخلى تەرز قىلىدىغان مەزمۇن بولۇپ قالسا، بالىلاردا قەلب زەخمىسى پەيدا قىلىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بالىلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىشىنى، غورۇرىغا تەگمەسلىكىنى، پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىشىنى، ھەممە ئىشىغا ئارىلىشىۋالماسلىقىنى خالايدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىسى، ئوقۇتقۇچىسى بالىنىڭ شۇ خىل ئېھتىياجىغا سەل قارىسا، ياكى  دەخلى-تەرۇز قىلسا ئاتا-ئانىسى، ئوقۇتقۇچىسىدىن بىزار بولۇپ، ئۇلاردىن قاچىدىغان بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن: ئائىلىدە ئۆزىنى ئۆيگە سولىۋېلىش، تورخانىلارغا كىرىش، تاماكا، ھاراققا ئۆگۈنىۋېلىش، مۇھەببەتكە بېرىلىش قاتارلىق يامان ئادەتلەرنى يۇقتۇرىۋالىدۇ. ھەتتا يامان يوللارغا مېڭىپ، يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. ھەتتا پىسخىكىسىدا توسالغۇ پەيدا بولۇپ، كېسەللىك دەرىجىسىگە تەرەققى قىلىشىمۇ مۇمكىن. بۇ خىل ھالەت ئەڭ يېنىك بولغاندىمۇ  بۇ بالىنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانا ئۇرۇق تۇغقانلىرى ئۈچۈنمۇ  ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

نۆۋەتتە، تۆۋەندىكى ھېكايىلەرگە دىققەت قىلىپ باقايلى:

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر