بالىلاردا بۇ 2 ئالامەت كۆرۈلسە ئاق قان كېسىلىدىن بېشارەت

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2019/09/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa04 | يوللىغۇچى: eldawa04

ئەلداۋا ئاگاھلاندۇرۇشى: بالىلاردا بۇ 2 خىل « ئۆزگىرىش » بولسا، ئاق قان كېسىلى بولۇپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش بولىدۇ. دوستلارنىڭ مەزكۇر تېمىنى كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز! ئۇنۇتماڭ، ھەر تارقىتىشىڭىزنىڭ جەزمەن قىممىتى بار. ئېھتىمال بۇنىڭلىق بىلەن بىر بىغۇبار بالىمىز ئاق قان كېسىلى دەيدىغان بۇ يالماۋۇزنىڭ چاڭگىلىدىن ئامان قالسىچۇ؟!...

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەتراپىمىزدا ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇۋاتقان بالىلار ئاۋۇپ قالماقتا. تور ۋە ئۈندىدارلاردا بۇ خىل بالىلارغا ياردەم قىلىش ھەققىدىكى تۈرلۈك مۇرەجەتنامىلارنى ئۇچرىتىپ تۇرۇۋاتىمىز. ئەمما چاتاق يېرى، بۇ كېسەلنى داۋالاش خىراجىتى زىيادە كۆپ بولغاننىڭ ئۈستىگە، داۋالاشتىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىد بولغان ئاق قان كېسىلى بىمارلىرىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان يىلىكنى ئىزدەپ تاپماق تەسكە توختاۋاتىدۇ.


بالىلاردىكى جىددىي خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى ئىككى خىل بولىدۇ:
1.    جىددىي خاراكتېرلىك لىمفا ھۈجەيرىلىك ئاق قان كېسىلى
2.    ئۆتكۈر يىلىك خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى


بىر قاتار ئاق قان كېسىلى كۆرسەتكۈچىگە ئاساسەن، خەتەرلىك دەرىجىسى بويىچە داۋالاش خەتەرلىك، ئوتتۇرھال خەتەرلىك ۋە يۇقىرى خەتەرلىك دەپ 3 تۈرگە  ئايرىلىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك لىمفا ھۈجەيرىسى كۆپىيىشلىك ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى داۋالاشتا، پەقەت ئاز ساندىكى بالىلار يىلىك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەنى قىلدۇرالايدۇ، كۆپىنچە بىمارلار خىمىيەۋى داۋالاشنى تاللايدۇ.

ئوخشىمايدىغىنى، ئۆتكۈر يىلىك خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى بالا بىمارلارنى خىمىيەلىك داۋالاشنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ئۈنۈمى بىر قەدەر ناچار بولىدۇ. ئەمما، يەنە نۇرغۇن ئۆتكۈر يىلىك خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالا بىمارلار يەنىلا خىمىيەلىك داۋالاش ئارقىلىق ساقىيالايدۇ. مەسىلەن: دەسلەپكى دانچە ھۈجەيرىلىك ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار.

 

خىمىيەلىك داۋالاش بىلەن يىلىك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى سېلىشتۇرغاندا، بالىلارغا نىسبەتەن خىمىيەلىك داۋالاشنىڭ ناچار تەسىرى ئاز، بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى يۇقىرى بولىدۇ. يىلىك كۆچۈرۈش بۇندىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا بالىلاردىكى بىر قىسىم قايتا قوزغالغان ۋە داۋالاش تەس بولغان ئاق قان كېسىلىنى داۋالايدىغان ئۇسۇلغا ئايلىنىپ قالىدۇ.


چوڭلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان ئاق كېسىلى 2 خىل بولىدۇ:

1.    ئۆتكۈر يىلىك ھۈجەيرىسى خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى
2.    سوزۇلما يىلىك ھۈجەيرىسى خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى


ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ يىلىك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەگە ئېھتىياجى بار-يوقلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا، كېسەل تۈرى، كېسەللىك ئەھۋالى ۋە يەككە سالامەتلىك ئەھۋالىنى كونكرېت تەھلىل قىلىش كېرەك. نۆۋەتتە كىلىنىكىدا تەخمىنەن %70 پىرسەنتىدىن ئارتۇق قۇرامىغا يەتكەن ئاق قان كېسىلى بىمارى يىلىك كۆچۈرۈپ داۋالاشقا موھتاج.

ئوخشاش ئاق قان كېسىلىنىڭ، چوڭلار ۋە بالىلار ئوتتورىسىدىكى پەرقى نېمىشقا بۇنچىۋالا چوڭ؟

بالىلاردىكى ۋە چوڭلاردىكى جىددىي خاراكتېرلىك لىمفا ھۈجەيرىسى كۆپىيىشلىك ئاق قان كېسىلىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىپادىلىنىش تىپى، ئاق قان كېسىلى گېنى قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى چوڭ پەرقى بار. چوڭلارنىڭ خەتەرلىك ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى.
خىمىيەلىك داۋالاش جەھەتتە، چوڭلارنىڭ داۋالاشقا بولغان  چىدامچانلىقى ناچار، بولۇپمۇ ياشانغان بىمارلار. لېكىن بالىلاردىكى قايتا ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى، خىمىيەلىك داۋالاشتىن كېيىن ئاسان ئەسلىگە كېلىدۇ.

ماقالىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى:
بارلىق ئاتا-ئانىلار شۇنىڭغا بەك دىققەت قىلىش كېرەككى، بالىلاردا دائىملىق بۇرۇن قاناش، تۆۋەن قىزىتما كۆرۈلسە ئاق قان كېسىلىدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىش لازىم.

كۆپ قىسىم ئاق قان كېسىلى بىمارلىرى ئەڭ دەسلەپتە قىزىيدۇ، ئادەتتە تېمپېراتۇرىسى °38 دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
قاناش- ئاق قان كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىنىڭ بىرى، قان چىقىش ئورنى پۈتۈن بەدەننى قاپلاپ كېتىدۇ.
ئادەتتىكى ئەھۋالدا، تېرە، چىش مىلىكى ، ئېغىز بوشلۇقى، كۆز ۋە بويۇن شىللىق پەردىسى قاناش ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ.
نۇرغۇنلىغان بىمارلاردا ئەڭ دەسلەپتە سەۋەبسىزلا بۇرنىدىن قان ئېقىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، كېسەللىك ئالامىتى ئېغىرلاشقاندا باش ئىچى، سۈيدۈك يولى قاتارلىقلاردا قان چىقىش ئەھۋالى بولىدۇ. ھەتتا، ھەتتا جىگەر-تال ياكى يۈزە لىمفا تۈگۈنى ئىششىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.


ئەلداۋا تەۋسىيەسى: بالىلارنىڭ ھەريىلى سالامەتلىكنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈشنى چوقۇم داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، ئەگەر مەسىلە بولسا، بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالاش كېرەك. قانچە بالدۇر بايقاپ، بالدۇر تەدبىر قوللىنىلسا، ئۈنۈمى شۇنچىلىك ياخشى بولىدۇ.

دوستلارنىڭ مەزكۇر تېمىنى كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز! ئۇنۇتماڭ، ھەر تارقىتىشىڭىزنىڭ جەزمەن قىممىتى بار. ئېھتىمال بۇنىڭلىق بىلەن بىر بىغۇبار بالىمىز ئاق قان كېسىلى دەيدىغان بۇ يالماۋۇزنىڭ چاڭگىلىدىن ئامان قالسىچۇ؟!...

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر