بالىلار تارقىلىشچان زۇكام بولغاندا كۆرۈلىدىغان 5 چوڭ ئالامەت

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: 39 ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2011/10/29 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ھاۋا سوغۇق بولغاندا زۇكام بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، زۇكام بىلەن يۇقۇملانغانلار ئارىسىدا، بالىلارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ.
بوۋاقلار تارقىلىشچان زۇكام بولغاندا، پەقەت دورا يېيىشلا يېتەرلىك بولماستىن، بەلكى ئائىلىدىكىلەرنىڭ ياخشى كۈتۈشى ۋە يېتەرلىك ئارام ئېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بالىلارنىڭ كېسەلدىن تېزدىن ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق.
كىشىلەر تارقىلىشچان زۇكامنى ئادەتتىكى زۇكام بىلەن ئوخشاش دەپ قاراپ تارقىلىشچان زۇكامغا ئانچە ئېتىبار بەرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، تارقىلىشچان زۇكام ئادەتتىكى زۇكام بىلەن ئوخشىمايدۇ. تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىشچان زۇكام باكتېرىيەلىرىدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

 


تارقىلىشچان زۇكام كېسەللىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى:
1. زۇكام بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئەمما زۇكامغا قارىغاندا ئېغىر بولۇپ، قىزىتما بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە 38 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا بولۇپ، بەزىدە ھەتتا 39 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ. بولۇپمۇ باش ئاغرىش، پۈتكۈل بەدەن دەرمانسىز بولۇش، مۇسكۇللار ئاغرىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قەدەر ئېغىر.
2. داۋاملىشىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ. نەپەسلىنىش يولى ئارقىلىق تارقالغانلىق سەۋەبىدىن، كېسەل كىشىلەرگە يۇلۇققاندا يۇقىدۇ. ئادەم يوق سورۇنلاردا كېسەل كىشىنىڭ يۆتىلىشى، چۈشكۈرۈشى نەتىجىسىدە، كېسەللىك باكتېرىيىسى ھاۋاغا تارقىلىپ، ھاۋا ئۆتۈشۈش ياخشى بولمىغاندا، كېسەللىك باكتېرىيىسى ھاۋادا ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىنىپ، نەپەسلىنىش يولى ئارقىلىق قايتا بەدەنگە كىرىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر