بالىلار تولۇقلاشقا تېگىشلىك 4 خىل ئوزۇقلۇق

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ھاياتلىق گېزىتى | ۋاقتى: 2011/10/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: رەيھانگۈل ئىمام | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىشتە ساغلام سۆڭەك ۋە چىش، ياخشى ھەزىم قىلىش سىستېمىسى، ئوكسىگېن مىقدارى مول قان ھەمدە ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ، بۇلار بالىلارغا بىر ئۆمۈر ھەمرا بولىدۇ. يېقىندا، ئامېرىكىدىكى تور تېببىي دوكتورى تورى ناملىق بىر تور بېكەتتە ئوزۇقشۇناس كاسىرىن.زېر ماقالە ئېلان قىلىپ، ئاتا-ئانىلارغا بالىلار ئۈچۈن ئاساس ھېسابلىنىدىغان بىر قىسىم ئوزۇقلۇق بىلىملىرى ۋە قانداق ئوزۇقلۇق تولۇقلاش  توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى.
كالتسىي:   كالتسىي سۆڭەك ۋە چىشلارنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بالىلار ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم بولغان بىر خىل ئوزۇقلۇق ماددا، ئوقۇش يېشىغا توشىمىغان بالىلاردا كالتسىي كەمچىل بولغان بالىلاردا كۆرۈلىدىغان ئاساسلىق ئەھۋاللار بولسا: تېز ئۇخلىماسلىق، ئويغانغاندىن كېيىن تولا يىغلاش، ئاسان چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىش، كېچىسى كۆپ تەرلەش، چىشى كېچىكىپ چىقىش قاتارلىقلار. ئوقۇش يېشىدىكى بالىلاردا كالتسىي كەمچىل بولسا، پۇتى يۇمشاق بولۇپ قېلىش، پېيى تارتىشىش، ماغدۇرسىزلىق، ئاسان تېرىكىش، زېھنىنى يىغالماسلىق، ئاسان زۇكام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.


كالتىسىي تولۇقلاشنىڭ ئەپچىل چارىسى:

 1. ھەر كۈنى ئەتىگەندە، تەركىبىدە دانلىق زىرائەت بولغان ياغسىزلاندۇرۇلغان ياكى ياغ تەركىبى ئاز بولغان بىر ئىستاكان سۈت ئىچىپ بېرىش، ئاندىن يېڭى مېۋىلەردىن يېيىش
2.مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن، ياغ تەركىبى ئاز بولغان قېتىق، سۈتتىن ياسالغان تاتلىق تۈرۈملەر ياكى ئېرىمچىك يېيىش، ئىككى ۋاقلىق تاماقنىڭ ئارىلىقىدا كالتسىي ماددىسىنى كۈچەيتىدىغان ئۇششاق-چۈششەك  يېمەكلىكلەرنى يېسىمۇ بولىدۇ.
3.كالتسىي ماددىسىنى كۈچەيتىدىغان مېۋە شەربىتى ياكى دانلىق زىرائەتلەردىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ كۈنىگە ئېھتىياجلىق بولغان كالتسىي مىقدارىنى قاندۇرۇش كېرەك.
كۆرسەتمە:  سۈتلۈك تاتلىق تۈرۈم ياكى ئۇششاق-چۈششەك  يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، بىر تال بانان ياكى ياغ تەركىبى تۆۋەن شاكىلاتنى قوشۇپ يېيىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ كالتىسىينى قوبۇل قىلىشىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈش.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر