تاماقتىن كېيىن چاي ئىچىش سالامەتلىككە زىيانلىق

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: سۇمرۇغ تورى | ۋاقتى: 2011/11/03 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئېرشات ئابدۇمىجىت | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

مەزمۇن يېتەكچىسى: سىز ئادەتتە تاماقتىن كېيىن نېمە ئىش قىلىسىز؟ ئەلۋەتتە نۇرغۇن كىشىلەر تاماقتىن كېيىن بىرەر ئىستاكان سۇ، ياخشى دەملەنگەن چاي ياكى مېۋە شەربىتى ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. بىراق بۇنداق قىلغاندا، ناھايىتى ئاسانلا ئاراساقلىق (ئىككىلەمچى ساغلاملىق) ھالىتى كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنداقتا، تاماقتىن كېيىن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ 

 

ئادەتتە سىزدە بىرەر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىسىمۇ، تۆۋەندىكى ئالامەتلەردىن بىرسى ياكى بىر قانچىسى كۆرۈلگەن بولسا، جەزمەن ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەككى، بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئاراساقلىق پويىزى سىزگە قارىتىپ ئاگاھلاندۇرۇش سېگىنالى چېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

ئاراساقلىقنىڭ ئالامەتلىرى: ئۇيقۇسىزلىق، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ئاسان چارچاش، يۈرەك سېلىش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئاجىزلاش،ئوڭاي ئاچچىقلىنىش، دائىم زۇكام بولۇش، ئېغىزغا جاراھەت چىقىش، قەۋزىيەت بولۇپ قېلىش قاتارلىقلار.


ئادەتتە تاماقتىن كېيىن نېمە ئىش قىلىش كېرەك؟ تاماكا چېكىش، مېۋە-چېۋە يېيىشمۇ؟ ياكى بولمىسا ئازادە كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇپ سەيلە قىلىشمۇ؟ ۋە ياكى بولمىسا ناخشا ئېيتىش، ئۇخلاشمۇ؟ ئەگەر سىزدە يۇقىرىقى ئادەتلىرىڭىز بولسا، سىز دەرھال بۇ ئادەتلىرىڭىزدىن ھەزەر ئەيلەڭ. چۈنكى ئۇلار سىزنىڭ ساغلاملىقىڭىزغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق قارىشىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. كۆپىنچە كىشىلەر تاماقتىن كېيىن مېۋە-چېۋە يېيىشنى زامانغا لايىقلاشقان تۇرمۇش ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇلار مەيلى رېستوران، تاماقخانىلاردا غىزالانسۇن ياكى ئۆيىدە غىزالانسۇن تاماقتىن كېيىن دائىم مېۋە يېيىشكە ئادەتلەنگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل خاتا كۆز قاراش بولۇپ، تاماقتىن كېيىنلا مېۋە يېگەندە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا تەسىر يېتىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر