17 ياشلىق قىز ئەجنەبىيلەر تېز تامىقىنى كۆپ يەپ ساقاللىق بولۇپ قالدى

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: سۇمرۇغ تورى | ۋاقتى: 2012/02/29 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئوخشاش ياشتىكى قىزلار سېلىشتۇرغاندا، 17 ياشقا كىرگەن ئوتتۇرا مەكتەپ تۇلۇق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى شىياخاۋ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) سەل سېمىز بۇلۇپ، ئېغىرلىقى 60 كېلوغا يەتكەن. ئۇنىڭ ئىشتىھاسى ناھايىتى ياخشى بۇلۇپ، بولۇپمۇ ئەجنەبىيلەرچە تېز تاماقلارنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ يەيتتى. يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە، كۆڭۈلچان ئانىسى تۇيۇقسىز شىياخاۋدا ئويلىمىغان يەردىن ساقال ئۆسكەنلىكىنى بايقاپ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈتكەن، ئەرلىك ھورمۇن ۋە Bتىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە شىياخاۋنىڭ ئەرلىك ھورمۇن مىقدارى نورمال قىزلارنىڭكىدىن بىر ھەسسە ئېشىپ كەتكەن، كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان ئۇنىۋېرسال كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.
شىياخاۋنىڭ ئاپىسىنىڭ ئېيتىشىچە، قىزى ئەسلىدە ئورۇق بۇلۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن باشلاپ، ئۆگىنىش بېسىمى ئېغىر ، ھەر قېتىم كەيپىياتى ناچار ۋاقتىدا نۇرغۇن ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئويلىمىغاندا، فىگورى «توغرا يۈنىلىشلىك»بويىچە تەرەققىي قىلىپلا قالماستىن، يەنە چىرايلىق ساقال-بۇرۇتلۇق بۇلۇپ قالغان.
چىنشۈي رايونلۇق جۇڭگو تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جېييۆبونىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئىلگىرى بىر ئايدىمۇ بۇنداق بىمارنى ئۇچراتقىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما يېقىندىن بۇيان ئامبولاتورىيەدە ھەركۈنى بۇخىل «تۈكلۈك» قىز بىمارلارنى ، بولۇپمۇ ئوتتورا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆپ ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
مۇدىر جېىييۆبو مۇنداق دىگەن: شىياخاۋدىن باشقا، ئۇ باشقا بىر قىزنى ئۇچراتقان بۇلۇپ، كۆكرىكىدە تۈك ئۆسۈپ قالغان، ئەزەلدىن ئاممىۋى يۇيۇنۇش ئورۇنلىرىغا بېرىشقا جۈرئەت قىلالمايدىكەن، ئاسما كىيىملەرنى كىيەلمەيدىكەن، بەزى قىزلارنىڭ پۇتىدىكى تۈكلەر ئىنتايىن قۇيۇق بۇلۇپ، ياز پەسلىدە ئۇزۇن پايپاق تارتىپ، قىسقا پايپاق ۋە قىسقا ئىشتانلارنى كىيىشكە جۈرئەت قىلالمايدىكەن..... بەزى قىزلاردا ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى ئىنتايىن ئېغىر بۇلۇپ، ئوغۇل دوست بىلەن ئارلىشالمايدىكەن. دوختۇرخانىغا كېلىپ تەكشۈرتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئەرلىك ھورمۇن ئارتىپ كەتكەن بۇلۇپ، تۈك كۆپ بۇلۇشتىن باشقا يەنە، دانىخورەك بىللە پەيدا بۇلۇش، %40 تىن %60 قىچە قىزلاردا يەنە ئوخشىمىغان دەرىجىدە سېمىزلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. بۇ ئەمەلىيەتتە كۆپچىلىك ئېيتىپ كېلىۋاتقان كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان ئۇنىۋېرسال كېسىلى بۇلۇپ، ئىلگىرى كۆپىنچە 20-40 ياش ئەتراپىدىكى تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاردا كۆرۈلگەن،  ئەمما ھازىر نۇرغۇنلىغان ياش ئۆسمۈرلەردە بۇخىل كېسەل كۆرۈلۈشكە باشلىغان. جىيېيۆبو مۇدىرنىڭ ئېيتىشىچە، تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ياخشىلىنىشى، ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى، كۆپتۈرۈلمە يېمەكلىك، تېز يييىش قولايلىق يېمەكلىك قاتارلىقلارنى كىشىلەر «ئەخلەت يېمەكلىك» دىيىشكە ئادەتلىنىپ كەتتى. ھالبۇكى ياش-ئۆسمۈرلەر بۇ يېمەكلىكلەرنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بۇلۇپ، بۇ تۈردىكى ساغلام بولمىغان يېمەكلىكلەر ئۇزۇن مەزگىل كۆپ مىقداردا يىگەندە، ناچار ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىپ، سەمىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ، ئىچكى ئاجراتمىلارنى تەڭپۇڭسىزلاشتۇرىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر