25 خىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ياخو تورى | ۋاقتى: 2012/04/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەمەتجان قادىر | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئوزۇقلۇق تەڭشىگۈچى ئۇستازلار رەھبەرلەر تارمىقىدىكى 25 خىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاشكارىلىدى.
ھەر كۈنى 25 خىل تاماق تۈرىنى يېيىش، تۆت پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ئاز يېيىش، گۆشنى ئاز يەپ، قارا ئاشلىقنى كۆپ يېيىش، ئاز مىقداردا كۆپ يېيىش.....  نۆۋەتتە خەلق ئارىسىدا ئېقىپ يۈرگەن «رەھبەرلەر تامىقى» ساقلىقنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان خەلق ئاممىسىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئاتالمىش «25» بولسا ئەمەلىيەتتە 25 خىل تاماقنىڭ تۈرىنى ئەمەس بەلكى ئوزۇقلۇقنىڭ تۈرىنى كۆرسىتىدۇ. ئوزۇقشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، كۆپ تۈرلۈك سەي- كۆكتاتلارنى يېيىش، گۆشنى ئاز يەپ، قارا ئاشلىقنى كۆپ يېيىش ناھايىتى ياخشى ئادەت ئىكەن، يەنە بىر بىر تەرەپتىن رەھبەرلەر تامىقىنىڭ ئاددىي ھەم ساپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يەنى «پاچاق» نى قانچە ئاز يېسە شۇنچە ياخشى

«تۆت پۇتلۇقنى يېگەندىن ئىككى پۇتلۇقنى يېگەن ياخشى، ئىككى پۇتلۇقنى يېگەندىن پۇتى يوقنى يېگەن ياخشى». نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى، دۆلىتىمىزنىڭ ئوزۇقشۇناسلىرى كىشىلەرنىڭ يېمەكلىك ئادىتىگە قارىتا يۇقارقىدەك قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. تۆت پۇتلۇق كالا، قوي گۆشىنى يېگەندىن توخۇ، ئۆدەك قاتارلىقلارنىڭ گۆشىنى يېيىش، قۇش گۆشىنى يېگەندىن بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش دېگەن مەنىسى بار.
مۇتەخەسسسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، گۆشنى ھەددىدىن كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ماي، ئاقسىل قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدىكەن. ئوزۇقلۇق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاسماندا ئۇچىدىغان ۋە سۇدا ئۈزىدىغان ھايۋانلارنىڭ گۆشى ئاق گۆش بولۇپ، تەبىئىيلا يەردە يۈگرەيدىغان ھايۋانلارنىڭ قىزىل گۆشىگە قارىغاندا ئوزۇقلىقى تەكشى بولىدىكەن. بىراق ئوزۇقلىنىشنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنى ئازدىن كۆپ قېتىم يېيىش پىرىنسىپىدۇر. يېمەكلىكنىڭ تۈرى كۆپ خىل بولغاندىلا ئاندىن ئوزۇقلۇق تەكشى بولىدۇ. مەلۇم يېمەكلىكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ياخشى دەپلا قارىغۇلارچە ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر