سۈتنى مۇنداق ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە ھېساب!

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: سوخۇ تورى | ۋاقتى: 2012/04/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ياسىنجان قاسىم | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ياسىنجان قاسىم

گەرچە كالا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولسىمۇ يەنىلا سۈپەتلىك زىيانسىز سۈتنى تاللاپ ئىچىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، سۈتنى ئىچىش ئۇسۇلىدىمۇ نۇرغۇن دىققەت قىلىدىغان ئىشلار بار. سۈتنى توغرا ئۇسۇلدا ئىچسەك سالامەتلىكىمىزگە پايدىلىق، ئەگەر خاتا ئۇسۇلدا ئىچىپ قويساق، ئەكسىچە بەدىنىمىزدە كېسەللىك پەيدا قىلىشى مۇمكىن. تۆۋەندە، بەدەنگە ئىنتايىن زىيانلىق بولغان 6 خىل سۈت ئىچىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز. ئەگەر سىزدە  ياكى دوستلىرىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار بولسا ئۇلارغا ئەسكەرتىپ قويۇڭ. 
 

 

1. سۈت قانچە قويۇق بولسا شۇنچە ياخشى
بەزى كىشىلەر سۈت قانچە قويۇق بولسا بەدەن قوبۇل قىلىدىغان ئوزۇقلۇقمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ ئىلمى قاراش ئەمەس. زىيادە قويۇق سۈت دېگىنىمىز كۆپ سۈت پاراشوكى بىلەن ئاز سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان سۈتنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بەزىلەر يېڭى سۈتنى سۇس كۆرۈپ سۈت پاراشوكى قوشۇپ ئىچىدۇ. ئەگەر بوۋاقلار دائىم زىيادە قويۇق سۈت ئىچسە ئىچى سۈرۈش، ئىچى قېتىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئېغىر بولغاندا ئۆتكۈر قاناش خاراكتېرلىك كىچىك ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. بۇ، بوۋاقلارنىڭ قويۇق سۈت پەيدا قىلغان ئېغىر بېسىمنى كۆتۈرەلمىگەنلىكىدىن بولغان. 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دوستانە ئۇلىنىشلار