ئەتىيازدا ئېغىزغا قوقاق چىقسا نېمە يەيمىز؟

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/05/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ياسىنجان قاسىم | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ياسىنجان قاسىم

جۇڭيى تېبابىتىدە ئەتىياز پەسلى جىگەرنىڭ ئىسسىقلىقى ئاسانلا ئېشىپ كېتىدىغان پەسىل دەپ قارىلىدۇ. ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر كېچىلەپ خىزمەت-ئۆگىنىش قىلىدۇ، تامىقى مايلىق. مۇشۇنىڭدەك ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەتىيازدا ئېغىز ئەتراپىغا قورقاق پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداقتا ئېغىزغا قوقاق چىقسا نېمە يەيمىز؟

 

 

1.ئېغىزغا قوقاق چىقسا دادۇر يەڭ

دادۇر ئىسسىقلىنى پەسەيتىپ ئاقسىلنى تولۇقلايدۇ. دادۇرنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل كۆپ بولۇپ بەدەننىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. يەنە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئورۇقلىتىش ئۈنۈمى بار. ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ. قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ. ياشانلغانلار بەك ماس كېلىدۇ.
دادۇرنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى:
ئاقسىل، ئىزوفلاۋون (异黄酮)،ئولىگو ساخارىد(低聚糖،皂苷)، فوسفاتىد (磷脂)، يادرو كىسلاتاسى قاتارلىقلار.
دادۇرنىڭ شىپالىق رولى:
1) بەدەننىڭ ئىممۇنىت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. دادۇرنىڭ تەركىبىدە مول ئاقسىل ۋە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان نۇرغۇن ئاممۇنىي كىسلاتاسى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
2) قان تومۇر قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سېرىق پۇرچاق تەركىبىدىكى لېتسىتىن قان تومۇر دىۋارىغا چاپلىشىۋالغان خولېستىرىننى چىقىرىپ تاشلاپ، قان تومۇر قېتىۋېلىش ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يۈرەكنى ئاسرايدۇ. دادۇرنىڭ تەركىبىدىكى لېتسىتىن جىگەردە ئارتۇقچە ماينىڭ يىغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق سېمىزلىكتىن بولغان جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالىدۇ.
3) چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. دادۇرنىڭ تەركىبىدىكى ئېرىيدىغان تالالارنىڭ چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە خولىستېرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار.
4) قەنت ۋە ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ. دادۇرنىڭ تەركىبىدە بىر خىل پانكرېئاتىن(胰酶)نى چەكلەيدىغان ماددا بولۇپ دىئابىت كېسىلىنى داۋالاش رولى بار. دادۇرنىڭ تەركىبىدىكى 皂甙 نىڭ كۆرۈنەرلىك ماينى تۆۋەنلىتىش رولى بولۇپ سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
5) دادۇر تەركىبىدىكى ئىزوفلاۋون(异黄酮) قۇرۇلمىسى ئانىلىق ھورمونغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ماددا بولۇپ ئاياللارنىڭ ھەيىز كېسىلىش دەۋرىدىكى يىغىندا كېسەللىك ئالامىتىنى پەيسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. يەنە ئاياللارنىڭ ھۈجەيرىنىڭ قېرىشىنى كىچىكتۈرۈش، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىغىنى ساقلاش، گۈزەللەشتۈرۈش، سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياغنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق رولى بار.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دوستانە ئۇلىنىشلار