دىئابېت خاتىرىسى (3): دىئابېت ۋە يېمەكلىك

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/05/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: رۇبىنا مەمتىمىن | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: رۇبىنا مەمتىمىن


دىئابېت خاتىرىسى (1) نى بۇ جاينى بېسىپ ئوقۇڭ!
دىئابېت خاتىرىسى (2): دىئابېت بىمارلىرى ئۈچۈن زۆرۈر تەكشۈرۈشلەرنى بۇ جاينى بېسىپ ئوقۇڭ!

 

دىئابېت ۋە يېمەكلىك

يېمەكلىك دىئابېت بىمارلىرىنى قۇتقۇزۋلىشىمۇ مۇمكىن، ۋەيران قىلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن.
 
ساغلام ئوزۇقلىنىش ئادىتى دىئابىتنى كونترول قىلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. لېكىن ئۇيغۇر دىئابېت بىمارلىرى ئۈچۈن بۇ بىر ئۆتۈش تەس بولغان ئۆتكەل. چۈنكى:
1.ئۇيغۇرلارنىڭ تاماقلىنىش ئادىتىدە، ئۇن تاماق، مايدا پىشۇرۇلغان تاماق،تۇزلۇق تاماق، ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى، مايلىق گۆش، ھايۋانات مېيى قاتارلىق يېمەكلىكلەر ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ . بۇ خىل يېمەكلىكلەر بولسا دىئابېت بىمارلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمەنلىرى بولۇپلا قالماي، قان بېسىم، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭمۇ ئورتاق دۈشمىنى.
2.ئۇيغۇر دىئابېت بىمارلىرىنىڭ دىئابىتقا بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇر ئەمەس. بۇ كېسەلگە تۇتقان پوزىتسىيەسى توغرا ئەمەس. ھەددىدىن زىيادە دوختۇر، ئىنسۇلىن، دورىلارغا تايىنىۋالىدۇ. ھەرىكەت ۋە تاماقتىن پەرھىز قىلىشنىڭ رولىغا ئېتىبار بەرمەيدۇ.

 


3.ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار تېخى قولغا ئېلىنمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇر كىشىلەر توپىغا ماس كېلىدىغان ئىلمىي ئۇزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى ياكى ئالتۇن ئۆلچىمى بارلىققا كەلمىدى.
4.توي-تۆكۈن، چاي-ئولتۇرۇشلار سەۋەبىدىن ئۇيغۇر دىئابېت بىمارلىرىنىڭ غىزالىنىش ۋاقتى قالايمىقان ۋە رىتىمسىز . قورسىقىنى ئولتۇرۇشلاردا يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەر بىلەن چىڭداپ كېلىپ، ئۆيگە كېلىپلا غەرق ئۇيقۇغا كېتىدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن كۆپ. بۇنداق  ئەھۋال ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ كەچلىك بېسىمى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇ قان شېكىرىنى كونترول قىلىشقا ئىنتايىن پايدىسىز.

ئۇنداقتا، بۇ مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ كېيىنكى بەتكە قاراڭ!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دوستانە ئۇلىنىشلار