ئاچ قورساق يىيىشكە بولمايدىغان يېمەكلىكلەر

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/06/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلشىپا | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلشىپا

قورساق زىيادە ئېچىپ كەتكەندە، ئادەم تاماق تاللىماي قالىدۇ، ئەمما قورساق زىيادە ئېچىپ كەتكەندە نېمىلا بولسا يەپ قورساق تويغۇزۇش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق،  شۇڭا قورساق بەك ئېچىپ كەتكەندىمۇ يېمەكلىكلەرنى تاللاپ يېيىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.
  1. سۈت، پۇرچاق سۈتى
  بۇ ئىككى خىل يېمەكلىك تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل بار بولۇپ، ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلغاندا، ئاقسىل ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەگە ئايلىنىپ خوراپ كېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش رولى جارى قىلدۇرۇلمايدۇ. توغرا بولغان ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلى بولسا پىچىنە، بولكا قاتارلىق ئۇن يېمەكلىكلىرىنى ئىستېمال قىلىش كېرەك ياكى تاماقتىن كېيىنكى ئىككى سائەتتىن كېيىن ئاندىن ئىچىشكە بولىدۇ ياكى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىچسىمۇ بولىدۇ.

 


  2. قېتىق
  ئاچ قورساق قېتىق ئىستېمال قىلغاندا، قېتىقنىڭ سالامەتلىكنى ئاسراش رولى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، تاماقتىن كېيىنكى ئىككى سائەتتىن كېيىن ئىستېمال قىلسا ياكى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىستېمال قىلسا سالامەتلىكنى ئاسراش رولى جارى قىلدۇرۇلۇپلا قالماستىن يەنە ھەزىم قىلىش رولىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
   3. چاي
  چاينى ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلغاندا، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، يەنە باش قېيىش، كۆڭلى ئاينىش، باش ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىق، مەزمۇت تۇرالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دوستانە ئۇلىنىشلار