مىزاجقا قاراپ ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى | ۋاقتى: 2012/10/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: قۇربانجان ئوبۇل | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: | يوللىغۇچى: قۇربانجان ئوبۇل

 

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە كىشىلەرنىڭ مىزاجى قان (ھۆل ئىسسىق) ، بەلغەم (ھۆل سوغۇق) ، سەۋدا (قۇرۇق سوغۇق) ، سەپرا (قۇرۇق ئىسسىق) دەپ تۆت تۈرگە ئايرىلىدۇ. ھەر قايسى مىزاجدىكى كىشىلەر يېمەك –ئىچمەك ئىستېمال قىلىشتا ئۆز مىزاجىغا قاراپ، يېمەك- ئىچمەكنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلمىغاندا، بەدەندە بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ، ھەر خىل كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر ئۆزىنىڭ قايسى مىزاجغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىپ، ئاندىن يېمەك- ئىچمەكنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، ساقلىقنى ساقلاش، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا ئوخشىمىغان مىزاجدىكى كىشىلەر ئۆز مىزاجىغا، يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەبىئىيىتىگە ۋە بەدەن ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق كېلىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

 


  1. قان (ھۆل ئىسسىق) مىزاج كىشىلەر:

بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق بولغاچقا، ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن شورپا، پولۇ، پىتىر مانتا، قوي سۈتى، تۆگە سۈتى، ھەسەل، تاتلىق ياڭيۇ ۋە قارىمۇچ قاتارلىقلارنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلسا بەدەندە ھۆل ئىسسىق كەيپىيات ئارتىپ كېتىپ ،ھۆل ئىسسىقتىن مىزاجى بۇزۇلۇپ، ئاقىۋەتتە باش ئاغرىش، ئېغىز قۇرۇش، سۈيدۈكى ئازىيىش، قان بېسىمى ئۆرلەش، قان- تومۇر قېتىشىش، قان قويۇلۇش ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، تېرە كېسەللىكلىرى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەر يۇقىرىقىغا ئوخشاش يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىپ، ئورگانىزمنىڭ نورمال خىزمەت بېجىرىشىگە ياخشى شارائىت ھازىرلايدىغان، بەدەنگە سوغۇقلۇق يەتكۈزىدىغان، قاننىڭ ھارارىتىنى تەڭشەيدىغان، ئۆز مىزاجىغا ۋە بەدەن ئەھۋالىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاشلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن گۈرۈچ، تېرىق، ئارپا، كۆك پۇرچاق، كۆك ماش ئۇنلىرىنى؛ مېۋە تۈرىدىكىلەردىن تاتلىق ئانار، بېھى، غورا، لىمون، قارا ئۆرۈك، ئەينۇلا، جىنەستە، خاسىڭ، جىگدە، شاتۇت، زىرىق، ئالقات قاتارلىقلارنى؛ كۆكتات تۈرىدىكىلەردىن يۇمغاقسۈت، كاۋا، جاڭدۇ، پېدىگەن، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى قاتارلىقلارنى؛ گۆش تۈرىدىكىلەردىن كەكلىك گۆشى، توخۇ گۆشى قاتارلىقلارنى؛ مايلاردىن گازىر مېغىزى مېيى، قوناق مېيى قاتارلىقلارنى؛ پىششىق يېمەك-ئىچمەكلەردىن پۇشۇرۇلغان توخۇ گۆشى، كاۋا مانتىسى، يارما پولۇ، سىقماق ئاش قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىش لازىم. 

 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار:
1. مىزاج تەلىماتى
2. تۆت خىلىت ۋە مىزاج
3. ئۆزىڭىزنىڭ قايسى مىزاجغا تەۋە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەمسىز؟
4. مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشىنى ئوزۇقلۇقلار ئارقىلىق تەڭشەش

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دوستانە ئۇلىنىشلار