مىزاجقا قاراپ ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى(4)

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى | ۋاقتى: 2012/10/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: قۇربانجان ئوبۇل | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: | يوللىغۇچى: قۇربانجان ئوبۇل

  4. سەپرا (قۇرۇق ئىسسىق) مىزاج كىشىلەر: 

بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولغاچقا، قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن كاۋاپ، تۇخۇم، مايلىق گۆش،خوشاڭ، ئىسلانغان گۆش، قېزا ۋە ئىسسىق تەبىئەتلىك زىرە، قارىمۇچ، ئاقمۇچ قاتارلىقلارنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلسا،بەدەندە قۇرۇق ئىسسىق كەيپىيات ئارتىپ كېتىپ ، مىزاجى بۇزۇلۇپ كۆڭلى ئايلىنىش، ھۆ بولۇش، ئۆت ساھەسى يېقىمسىزلىنىش، ھەزىم بۇزۇلۇش قاتارلىقلارنى، ئېغىر بولغاندا چىيقان، غەلۋىرەك، ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىكلىرى، خولېرا، ۋابا، تولغاق، جىگەر ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەر يۇقىرىقىغا ئوخشاش يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىپ، كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆز مىزاجىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان، بەدەن ھارارىتىنى سوۋۇتۇش تەسىرىنى بېرىدىغان، بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزىدىغان ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاشلىق تۈردىكىلەردىن ماش، كۆك پۇرچاق ئۇنلىرى ، كۆك ماش بىلەن تەييارلانغان پىنتوزا، لەڭپۇڭ قاتارلىقلارنى ؛ مېۋە تۈرىدىكىلەردىن ئۆرۈك ، بۆلجۈرگەن، ئەينۇلا، لىمون، ئاپېلسىن، نەشپۈت، شاپتۇل، تاۋۇز قاتارلىقلارنى؛ كۆكتات تۈرىدىكىلەردىن يۇمغاقسۈت، پەمىدۇر، ئوسۇڭ، تەرخەمەك، مانتا كاۋىسى، ياڭيۇ، قاپاق، موگو قاتارلىقلار بىلەن تەييارلانغان تائاملارنى؛ سۇيۇقلۇق تۈردىكىلەردىن قېتىق، سوغۇق سۈت، دوغاپ، مۇز سۈيى، ئەينۇلا، نەشپۈت، قارا ئۆرۈك ، شاپتۇل قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ سۇلىرى قاتارلىقلارنى؛ گۆش تۈرىدىكىلەردىن توخۇ گۆشى، بېلىق گۆشى قاتارلىقلارنى؛ مايلاردىن قۇناق مېيى، چىگىت مېيى قاتارلىقلارنى؛ پىششىق يېمەك-ئىچمەكلەردىن سۇيۇقئاش، شويلا، ئۇماچ، قۇناق ئۇنى چۆچىرىسى، بوغداي ئۇنى چۆچىرىسى، شوۋىگۈرۈچ قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىپ بېرشى كېرەك.

 


  دېمەك، يېمەك-ئىچمەك ئىستېمال قىلىشتا، يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ تەبىئىتى ۋە تەسىرىگە قاراپ، ئۇنى ئۆز مىزاجىغا ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىش، ئوزۇقلىنىشنى تەرتىپكە سېلىپ، ئىلمىي بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، بۇ ئارقىلىق بەدەننىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىنى يېمەك-ئىچمەكلەر ئارقىلىق قامداپ، ئورگانىزمنىڭ نورمال خىزمەت بېجىرىشىگە شارائىت ھازىرلاش كېرەك.
- «شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2009-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى.

 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار:
1. مىزاج تەلىماتى
2. تۆت خىلىت ۋە مىزاج
3. ئۆزىڭىزنىڭ قايسى مىزاجغا تەۋە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەمسىز؟
4. مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشىنى ئوزۇقلۇقلار ئارقىلىق تەڭشەش

 

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر