ئاق تۇخۇم قۇۋۋەتلىكمۇ قوڭۇر تۇخۇممۇ؟

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/09/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

    ھازىر بازارلاردا شاكىلى سېرىق تۇخۇم بىلەن شاكىلى ئاق تۇخۇم تەڭلا مەۋجۇت بولسىمۇ، ئاق تۇخۇم يەرلىك ھەم ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى دەپ قاراپ، ئاق تۇخۇمنى سېتىۋالىدىغان  كىشىلەر كۆپ. بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ ئەسلىدە تۇخۇم شاكىلىنىڭ رەڭگى مېكىياننىڭ كۆپىيىش يولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر پىششىقلاپ ئىشلەش باسقۇچى، يەنى بالىياتقۇدىن ئاجرىلىپ  چىقىرىلغان پىگمېنت (رەڭ ماددىسى) نىڭ رەڭگى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. كونكرېت ئېيتقاندا، قانداق پىگمېنتنىڭ ئاجرىلىپ   چىقىشى ئالدى بىلەن مېكىياننىڭ گېن تىپى تەرىپىدىن  بەلگىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن مېكىياننىڭ يېمەك - ئىچمىكى ۋە سالامەتلىكى قاتارلىق ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. تۇخۇم   شاكىلى تۇخۇمنىڭ سېرىقى ۋە ئېقىدىن كېيىن شەكىللىنىدىغان   بولغاچقا، تۇخۇم شاكىلىنىڭ رەڭگى بىلەن تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. ئادەتتە،  شاكىلى سېرىق تۇخۇم بىلەن شاكىلى ئاق تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر