كالا سۈتى ئىنسانىيەتنى راك گۆرىستانىغا باشلامدۇ؟

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/10/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04


ئەلداۋا ساغلاملىق تورى  مەخسۇس ماقالىسى، يېقىندىن بۇيان ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە « كالا سۈتى ئىنسانىيەتنى راك گۆرىستانىغا باشلايدۇ | 牛奶将人类送进癌症的坟墓! » دەيدىغان بىر تېما تېز سۈرئەتتە  كەڭ تارقاپ، سۈت ئىچىشنى ئادەت قىلغان كىشىلەرنى قاتتىق چۆچۈتتى.
 


بۇ ماقالىدە دېيىلىشىچە، ئىنسانلار يەرشارىدىكى بىردىنبىر ئۆمۈر بويى سۈت ئىچىدىغان مەخلۇق بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ كالا سۈتىگە بولغان ئىستېمال ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئىنەكلەرگە زور مىقداردا ھورمۇن ئوكۇلى ئۇرۇش ئارقىلىق ئاندىن يېتەرلىك مىقداردىكى سۈت ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. ئامېرىكا راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ بايقىشىچە، ئانىلىق ھورمۇن، ئاتىلىق ھورمۇن ۋە ئىنسۇلىن ئۆستۈرگۈچى فاكتور كالا سۈتى تەركىبىدىكى ئاساسلىق راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بولۇپ، سۈت تەركىبىدىكى ئاقسىل راك كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، دىيابېت كېسىلى، بۆرەككە تاش چۈشۈش، سۆڭەك شالاڭشىش، يۇقىرى قان بېسىمى، كۆزگە ئاق چۈشۈش ۋە ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى مۇھەررىرىنىڭ بايقىشىچە، بۇ ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆز قاراشلار 2010-يىلى ۋە 2013-يىللىرىمۇ خەنزۇچە تورلاردا بىرقانچە نۆۋەت كەڭ تارقالغان بولۇپ، بۇ قېتىم قاش-قاپىقى ئازراق ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن قايتا تارقىتىلىپتۇ. ئۇنداقتا، سۈتنى زادى ئىچىمىزمۇ-ئىچمەيمىزمۇ؟ سۈتنىڭ ئوزۇلۇق قىممىتى زادى قانچىلىك؟ سۈت ھەقىقەتەنمۇ ھورمۇن ئۇرۇش ئارقىلىق كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلامدۇ؟ كالا سۈتى راك پەيدا قىلىدۇ دېگەن زادى قانداق گەپ؟

بىرىنچى گۇمان: كالا سۈتى ھورمۇن ئۇرۇش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلامدۇ؟
تارقاپ يۈرگەن ئىغۋا: كالا موزايلىغاندا ئاندىن سۈت چىقىدۇ، سېغىن كالا توختىماي موزايلىغاندىلا، ئاندىن ئۈزلۈكسىز سۈت چىقىرالايدۇ. فىرمىلار بۇ مەسىلىنى كالىغا زور مىقداردا ھورمۇن ئۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىدۇ.

ئەلداۋا ئىگىلىگەن ئەينى ئەھۋال: ھورمۇن كالىنى سۈت ئىشلەپچىقارغۇزالمايدۇ. كالىمۇ باشقا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا ئوخشاشلا موزايلىغاندا ئاندىن سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، موزايلاپ 305 كۈنلەردە سۈت توختايدۇ. فېرمىلاردا ئادەتتە سۈت چىقىرىۋاتقان كالىنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرىدۇ، بۇ ئۇنىڭ داۋاملىق سۈت ئىشلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. دېمەك، كالا سۈت توختىغۇچە داۋاملىق موزايلايدۇ ۋە داۋاملىق سۈت ئىشلەپ چىقىرىۋېرىدۇ. بۇ جەريان ھورمۇنغا تايانمايدۇ.
بۇندىن باشقا، كالىلارغا ئىشلىتىلىدىغان ھورمۇن بىرخىل ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن بولۇپ، ھەرگىزمۇ يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئانىلىق، ئاتىلىق ھورمۇنلار ئەمەس. بۇ ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنلار ئاساسلىقى سۈتنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. جۇڭگو يېزائىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جۇيىنىڭ بۇ ھەقتە يازقان ماقالىسىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا كالىلارغا ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئىشلىتىشكە ئىجازەت بەرگەن بولۇپ، كۆلەملەشتۈرۈلگەن، سانائەتلەشتۈرۈلگەن فىرمىلارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل ئۆستۈرگۈچى ھورموننى ئىشلىتىدىكەن. مەسىلەن، يېڭى زېلاندىيەدىمۇ قەرەللىك تۈردە بۇ خىل ھورمۇن ئىشلىتىلىدىكەن. ئەگەر بۇ خىل ھورمۇن ئىشلىتىلمىسە، سۈت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىكەن. جۇ پىروفېسسورنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ خىل ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننى ئىشلىتىش ئىستېمالچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ، ئەگەر زادىلا خاتىرجەم بولالمىسا، يېغى ئايرىۋېلىنغان سۈتنى تاللاپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

ئىككىنچى گۇمان: كالا سۈتى راك ۋە ھەرخىل سوزۇلما كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلامدۇ؟
تارقاپ يۈرگەن ئىغۋا: ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، كالا سۈتى تەركىبىدىكى ئاقسىل ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان راك پەيدا قىلغۇچى بولۇپ، ئەرلەردە مەزى بېزى راكى، ئاياللاردا ئەمچەك راكى قاتارلىق راك كېسەللىكلىرى ۋە يۈرەك كېسىلى، دىيابېت كېسىلى، بۆرەككە تاش چۈشۈش، سۆڭەك شالاڭلىشىش، يۇقىرى قان بېسىمى، كۆزگە ئاق چۈشۈش، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ئەلداۋا ئىگىلىگەن ئەھۋال: ماتېرىياللاردىن تەكشۈرۈپ بايقىشىمىزچە، ئامېرىكا دورا ۋە يېمەكلىك باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئاشلىق تەشكىلاتى بىردەك ھالدا « سۈت تەركىبىدىكى IGF-1 ماددىسىنىڭ راك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئېنىق دەلىل-ئاساس يوق» دەپ قارايدىكەن. بۇندىن باشقا، سۈت تەركىبىدىكى IGF-1 ماددىسىنىڭ مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، قىزىتىش، ھەزىم قىلىش، قوبۇل قىلىنىش قاتارلىق جەريانلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ئادەم تېنىگە كىرگەن چاغدا ئاللىقاچان فىزىيولوگىيەلىك ئاكتىپلىقىنى يوقىتىپ، ساغلاملىق ئۈچۈن تەھدىت شەكىللەندۈرەلمەيدىكەن.

سۈتنى زادى ئىچىمىزمۇ-ئىچمەيمىزمۇ؟ ئىچسەك، قانچىلىك ئىچىمىز؟
تارقاپ يۈرگەن ئىغۋا: ئۆسمە-راك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردىكى بالىلار ۋە ئوزۇقلىنىشى ناچار چوڭلاردىن باشقىلارنىڭ ئاتايىن سۈت ئىستېمال قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق.

ئەلداۋا تەۋسىيەسى: ئىلمىي ئوزۇقلىنىش قۇرۇلمىسىدا، سۈت كالتسىي تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك بولۇپ، سۈت تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى يۇقىرى، بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىمۇ يۇقىرى. شۇڭا، ھەر كۈنى 300 مىللىلىتىر ئەتراپىدا سۈت ئىچىش كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇ، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى بولۇپ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭكىدىن يەنىلا كۆپ تۆۋەن.
دىققەتنى قوزغاشقا تېگىشلىكى شۇكى، جۇڭگو ئوزۇقشۇناسلىرىنىڭ ئۇدا 20 يىللىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جۇڭگونىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۈندىلىك سۈت ئىستېمال مىقدارى ئاران 44 مىللىلىتىر،  پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە سۈت ئىستېمال مىقدارى پەقەت 22 مىللىلىتىر ئىكەن. بولۇپمۇ، كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوزۇقلىنىش قۇرۇلمىسىدا سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن. ھازىرقى ھالقىلىق مەسىلە قانداقتۇر سۈتنى جىق ئىستېمال قىلىۋەتسە قانداق بولىدۇ ئەمەس، قانداق قىلغاندا سۈتنى يېتەرلىك مىقداردا ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلىدىن ئىبارەت. شۇڭا، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى كالا سۈتى ھەققىدە ئارتۇقچە تەشۋىش ۋە باش قاتۇرشتا بولماستىن، بالىلاردىن تاكى ياشانغانلارغىچە ھەر كۈنى 250-300 مىللىلىتىرسۈت ئىچىشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىش لازىم. بۇنى ئۆزىنىڭ، ئەۋلادىنىڭ، مىللەتنىڭ ئومۇمىي ساغلاملىقى، تەن ساپاسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئىش قاتارىدا كۆرۈپ ھەر بىر ئائىلىگىچە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

قېرىنداشلارنىڭ بۇ ماقالىنى كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر