تۇخۇمنى كۆپ يېسە بەدەننى كۈچلەندۈرەمدۇ؟

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

  كۆپىنچە كىشى توخۇ تۇخۇمىنى قانچە كۇپ يېسە، بەدەننى شۇنچە كۈچلەندۈرىدۇ، شۇڭا، بەدىنى ئاجىز ياشانغانلار، كېسەلدىن يېڭى قوپقانلار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللار تۇخۇمنى كۇپ يەپ بېرىشى كېرەك،دەپ قارايدۇ. يېقىندا ئوزۇقشۇناسلار بۇ قاراشنىڭ ئىلمى ئاساسى يوقلۇقىنى ئىسپاتلىدى. تۇخۇمنى كۇپ يېگەندە، ئۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمەيلا قالماستىن، ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن. مەسىلەن، پۇت – قول ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش، قورساق كۆپۈش قاتارلىق. مېدىتسىنادا بۇ خىلدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئاقسىلدىن زەھەرلىنىش ئونىۋېرىسال كېسىلى دەپ ئاتىلىدىكەن. شۇڭا كۆپ مىقداردا تۇخۇم ئىستېمال قىلغاندا ئورگانىزمدىكى ئاقسىل نورمال مىقداردىن ئېشىپ كېتىپ، ئۈچەي يولىدا زور مىقداردا ئامىياك پەيدا بولىدىكەن. بۇنداق زەھەرلىك ماددىلار قانغا ئۆتكەندىن كېيىن، قاننى ئېرىتىپ ساغلاملىققا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىكەن. يەنە تولۇق ھەزىم بولمىغان ئاقسىل ئۈچەي يولىدا چىرىپ ھىدروكسىل رادىكالى، فېنول قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىپ، ئاسانلا ‹‹ئاقسىلدىن زەھەرلىنىش ئۇنىۋېرسال كېسىلى››نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكى خولېستېرىن، ھورمون، ئانتىبىئوتىكلار بەدەندە كۆپ مىقداردا توپلانسا سالامەتلىككە ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدىكەن. شۇڭا، تۇخۇمنى مۇۋاپىق مىقداردا يەنى، بالىلار كۈنىگە بىر، قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنىگە ئىككى تۇخۇم يېسە مۇۋاپىق بولىدىكەن. لېكىن، تۇخۇمنى ياغدا قورۇسا بىر قىسىم يوقىرى مولېكۇلالىق ئاقسىل تۆۋەن مولېكۇلالىق ئامىنو كىسلاتاسىغا ئايلىنىپ ھەزىم قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىكەن. شۇڭا تۇخۇمنى ئەڭ ياخشىسى سۇدا تولۇق پىشۇرۇپ، نورمال مىقداردا يېيىش كېرەك ئىكەن. بېكمۇرات قىدىرخان تەرجىمىسى

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر