كۈندە 2 ئىستاكان ئىچسە يۈزدىكى داغ سەپكۈنلەر يوقاپتۇ، بەكلا ئاددىي

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/27 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

كۆپ يىللاردىن بۇيان، لىمون سۈيى تېببىي دوكتۇر ۋە پاكىزلىقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار تەرىپىدىن تازىلىق ۋە ساغلاملىق ياردەمچىسى دەپ قارىغان. لىمون سۈيى ھېلىقىدەك نەپىس ئورالغان، ئاتالمىش يۈز تېرىسىنى نۇرلاندۇرىدىغان، قېرىشنى كېچىكتۈرىدىغان، زەھەر تازىلاپ ھۆسىن تۈزەيدىغان مېۋە سۈيلىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ ناھايىتى ئەرزان، ھەرگىزمۇ سىزنى ئېغىر دەرىجىدە چىقىمدار قىلىۋەتمەيدۇ. لىمون سۈيى راستىنلا مۇشۇنداق خاسىيەتلىكمىدۇ؟
بىر قىسىم لىمون سۈيىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار لىمون سۈيىنى ھەزىم قىلىشقا ياردىمى بار، جىگەرنىڭ زەھەرنى تازىلاپ چىقىرىشىغا پايدىسى بار، قېرىلىق دېغىنى يوقىتىش، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەشۋىش ۋە خامۇشلۇقنى ياخشىلاش، ئاشقازان ئوتتەك قىززىش، راك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ياللۇغ قايتۇرۇش قاتارلىق روللىرى بار دەپ تەشەببۇس قىلغان.
نەچچە يىلدىن بۇيان ئەلداۋا كىچىك تەھرىرى بولغان مەن ئانچە-مۇنچە لىمون سۈيى ئىچىپ قوياتتىم، لېكىن بۇ قېتىم كۈندە ئىككى ئىستاكان ئىچىشنى قارار قىلدىم، ئىككى ھەپتە غەيرەت قىلىپ، بۇنىڭ راستىنلا شۇنداق پايدىسى بارمۇ سىناپ باقماقچى بولدۇم.


1. لىمون سۈيى راستىنلا يۇز تېرىنىڭ رەڭگىنى ياخشىلامدۇ؟
لىمون تەركىبىدە مول بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشىخۇرۇچ بار، بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنى قورۇقلار ۋە قېرىش توغۇرلۇق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەتتە تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىمۇ بىمارلارغا تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشىخۇرۇچ بار يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بېرىشنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل دەپ قارايدۇ. مەن بىرەر مۆجىزىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئۇنچىلىك تەقەززا بولۇپ كەتمىگەن، لېكىن ئىچىپ ئىككىنجى ھەپتىسىگە بارغاندا، تېرەمدە ياخشىلىنىش بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەينەككە قارىغىنىمدا يۈزۈمدىكى سەپكۈللىرىممۇ يوقىغىلى تۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېرەم قارىماققا بۇرۇنقىدەك خۇنۈك كۆرۈنمەي، نۇرلۇق كۆرىنىدىغان بولدى.
2. لىمون سۈيى ئاشقازان ۋە ئۈچەينى ياخشىلامدۇ؟
مېنىڭ بىر قىسىم ساقلىق ساقلاشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان دوستلىرىم لىمون سۈيىنى تەشەببۇس قىلىپ، بولۇپمۇ ئىلمان لىمون سۈيىنى ھەزىم قىلىشقا ياردىمى بار، قورساق كۆپۈشنى ئازايتىدۇ دەيتتى. مۇتەخخەسسىسلەرنىڭمۇ ئېيتىشىچە، لىموننىڭ تەركىبىدىكى لىمون كسلاتاسى تەبىئىي ھالدا ئاشقازان كسلاتاسىنى تولۇقلاپ، ئاشقازاندىكى يېمەكلىكلەرنى پارچىلاشقا ياردىمى بار دەپ كۆرسەتكەن. مەن يەنە لىموننىڭ تەركىبىدە مول بولغان كالىينىڭ بارلىقىنىمۇ بىلىمەن، بۇ بىر خىل ناترىيدىكى مېنىرال ماددىلارنى تىزگىنلەشكە ياردىمى بار. ئۇنداقتا لىمون سۈيى ئىششىقنى ياندۇرامدۇ؟ بېشىدا مەن لىمون سۈيىنى ئىچىشنىڭ پايدىسى بار-يوقلۇقىغا ئانچە ھۆكۈم قىلالمايتىم، لېكىن نەچچە كۈندىن كېيىن مەندىكى ئىششىقلار يوقىدى.

3. لىمون سۈيى بەدەندىكى سوغۇقلۇققا قارشى تۇرامدۇ؟
لىموننىڭ تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىنC بار بولۇپ، بىر خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشىخۇرۇچ ھېسابلىنىدۇ. تەكشۈرۈشلەردىن بايقىلىشىچە، بۇ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ياللۇغنى قايتۇرىدىكەن. پەقەت ئۇزۇن مەزگىل كۆپ مىقداردا لىمون سۈيى ئىچكەندە، بەدەندىكى ياللۇغنىڭ ئۆزگىرىشىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن، لېكىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە لىمون سۈيىنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىغا بولغان تەسىرىنى بىلىش تەس. مەن لىمون سۈيىنى ئىچكەن بۇ ئىككى ھەپتە ئىچىدە بىرەر قېتىم ئاغرىپ كېسەل بولۇپ باقمىدىم. (ئەگەر سىز ۋىتامىنCنى كۆپرەك تولۇقلىغۇڭىز بولسا، لىمون سۈيىنى كۈندە ئىچسىڭىزمۇ بولىدۇ)
4. لىمون سۈيى ئورۇقلاش ياردەمچىسىمۇ؟
بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە، لىمون پوستىدىكى پولىفېنول كىچىك ئاق چاشقاننىڭ 12ھەپتە ئىچىدە ماينىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلىگەن. مەن لىمون سۈيى ئىچىۋاتقان ئىككى ھەپتە ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقىم بىر قاداق يېنىكلىدى. بۇ بەلكىم لىمون سۈيىنىڭ تەسىرىدۇ، بەلكىم ئەمەستۇ، لېكىن مېنىڭ قارىشىمچە لىمون سۈيى  ئورۇقلاشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
5. لىمون سۈيى كەيپىياتنى ياخشىلامدۇ؟

لىمون سۈيىنىڭ سالامەتلىككى بولغان پايدىسىدىن باشقا، روھىي كەيپىياتنىمۇ يۇقىرى كۆتىرىدىغان رولى بار دەپ تەرىپلەنگەن. بېشىدا مەن بۇنىڭغا نىسبەتەن گۇمانلىنىش پەيدا بولغان، ئەگەر لىمون سۈيى راستلا ۋەھىمىدىن قۇتۇلدۇرسا، بەلكىم ھەربىر بوتۇلكىنى 200 ھەسسە يۇقىرى باھادا سېتىش مۇمكىن ئىدى. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، بەلكىم ئېغىرلىقىم يېنىكلىگەچكىمۇ ياكى مېنىڭ بۇ ئىشەنچىم ساغلاملىق ئۈچۈن ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىدىن كەلگەچكىمۇ، بۇ ئىككى ھەپتىلىك پىلان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، روھىي كەيپىياتىمدا بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلىلا ئەركىن ۋە ئازادىلىك پەيدا بولدى. ئىچكى ئەزالىرىمغا كەلسەك، بۇنى بىر نېمە دېيىش تەس. مەن ئىچكى ئەزالىرىمدىكى زەھەرلەرنىڭ پارچىلانغانلىقىغا ياكى ھەزىم قىلىش سېستىمامنىڭ ياخشىلانغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالمايمەن، لېكىن ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ئەلۋەتتە. چۈنكى ھەر قايسى جەھەتتىكى ياخشىلىنىش مېنىڭ بەدىنىمگە ئاكتىپ رولى بار.
بۇ ماقالىنى مەن ئىككى ھەپتە غەيرەت قىلىپ لىمون سۈيى ئىچكەندىن كېيىن، سالامەتلىكىمدە بولغان ئۆزگىرىشلەرنى تەپسىلىي كۈزىتىپ يېزىپ چىققان ھەقىقىي ئەھۋال. سىزگىمۇ ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر