ھەر كۈنى قەھۋە ئىچىپ بەرگەندە ...       

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئامېرىكا پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ بايقىشىچە، ھەر كۈنى بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرسە، جىگەر قېتىشىش يۈز بېرىشنىڭ نىسبىتىنى %22 تۆۋەنلىتىشكە بولىدىكەن. شۋېيتسىيەنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى ئىككى ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرسە، جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %43 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. 

مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، قەھۋە جىگەرنى ئاسرايدۇ دەپ كۆپ ئىچىشكە بولمايدىكەن. چۈنكى قەھۋەدە كوففىئىن كۆپ بولغانلىقتىن كالتىسىينى چىقىرىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوڭايلا سۆڭەك شالاڭشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بولۇپمۇ كىلىماكتېرىيە (ھەيز كېسىلىش) دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان ئاياللار تېخىمۇ ئېھتىياتجان بولۇشى كېرەككەن. ئۇنىڭدىن باشقا كوففىئېن ماددىلارنى جىگەر ئارقىلىق ئاجرىتىدىغانلاردىن بىرى.لىكىن جىگەر ئىقتىدارى ساغلام بولمىغانلاردا كوففىئېننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىتقدارى يەنىلا ئاجىز بولىدىكەن.

شۇڭا قەھۋەنى كۆپ ئىچكەندە يۈرەك رېتىمى تەرتىپسىزلىشىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلدار ئاياللار، ياشانغان ئاياللار، ئېغىر ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، يۇقىرى قان بېسىمى، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلى، ئارتېرىيە قېتىشىش، راك كېسەللىكى ۋە ۋىتامىن B1 كەمچىل بولغانلارنىڭ قەھۋە ئىچىشى مۇۋاپىق ئەمەس.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر