ئىسسىقتا تاتلىق يېمەكلىكلەر قىززىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/29 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

  يازدا سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش ئۇسسۇزلۇقىمىزنى قاندۇرۇپلا قالماستىن يەنە بەدىنىمىزدىكى تۈگەپ كەتكەن نەملىكنى تولۇقلايدۇ، بىراق تاتلىق ئىچىملىكنى، پىچىنە-پىرەنىك، ماروژنى، سوغۇق ئىچىملىك، تاتلىق مېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىۋالغاندا ئاسانلا قىززىپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قىزىتمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ.


تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە بىرىنچىدىن، كۆپ مىقداردا بەدەن ئىچىدىكى ۋىتامىن B نى خورىتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تىل ياللۇغى، جاۋىغاي ياللۇغى، كۆز ئاغرىش قاتارلىقلارپەيدا بولۇپ قىزىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يازنىڭ ئىسسىق دىمىق ھاۋاسىغا بەرداشلىق بەرمەك تەس، ھەم تاتلىق يېمەكلىكلەر ئىچىدە كۆپ مىقداردا كاربون-سۇ بىرىكمىلىرى بار، ئادەم بەدىنى ئىچى ماددا ئالماشتۇغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان كاربون(4)ئوكسىد ھاسىل بولۇپ، ئۆپكىنىڭ يۇكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن، تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ يېگەندە، ئادەمنى تېخىمۇ بىئارام قىلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تاتلىق يېمەكلىك ئىشتىھاغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۇسسۇزلۇقنى كەلتۈرۈپ، ئاشقازان كۆپۈپ بىر نەرسە يېگۈسى كەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن باشقا ئوزۇقلۇق مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىش مىقدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، قىززىپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئېغىرلارتۇرىۋېتىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر