تۇخۇمنى قانداق پىشۇرغاندا ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ؟

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/29 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

سۇدا پۇشۇرغان تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى،شۇنىڭ ئۈچۈن تۇخۇم نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ئەتىگەنلىك ناشتىسىدىكى مۇھىم بىر تۈر. لىكىن خام تۇخۇمدا ھەر خىل بۇلغىما باكتىرىيەلەر ساقلىنىش مەسىلىسى، ھەمدە ئاتىئېنزىمدىكى ئاقسىل ۋە ئاۋىدىننىڭ ئىككى خىل تەسىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز سۇدا تۇخۇم پۇشۇرغاندا قايسى باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ھەم يېيىشلىك بولىدىۈانلىقىنى بىلەمسىز؟ تۆۋەندە بىز قانداق قىلغاندا ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان تۇخۇم پۇشۇرۇش ماھارىتىنى تونۇشتۇرىمىز.


 سۇنى تۇخۇمدىن ئاشۇرۇپ قۇيۇش كېرەك،ئۇنداق بولمايدىكەن، سۇتېگىشمىگەن ئورۇندا ئاقسىل ماھىيەتلىك ئۇيۇشۇپ قېلىپ، ھەزىم قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
خام تۇخۇمدا ھەر خىل بۇلغىما باكتىرىيەلەر ساقلىنىش مەسىلىسى، ھەمدە ئاتىئېنزىمدىكى ئاقسىل ۋە ئاۋىدىننىڭ ئىككى خىل تەسىرى. ئالدىنقىسى ئاقسىلنىڭ سۈمۈرىلىشىگە بولغان تەسىرى؛ كېيىنكىسى يېمەكلىكتىكى بىئوتىننىڭ بىرىكتۈرۈلىشى. ئادەم بەدىنىدىكى بىئوتىننىڭ كەملەپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئادەمنىڭ روھىي ھالىتىدە ھارغىنلىق، مۇسكۇللار سىقىراپ ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
ئەگەر تۇخۇم سۇدا 10 مىنۇتتىن ئارتۇق قاينىسا، ئىچكى قىسمىدا بىر قاتار خىمىيىۋى ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بېرىدۇ. ئاقسىل قۇرۇلمىسى زىچ بولۇپ، ئاشقازان سۇيۇقلىقى بىلەن ئاقسىلنىڭ ئېنزىمغا ئارلىشىشى ئاسان ئەمەس،شۇڭا ھەزىم بولماقمۇ تەس.بۇنىڭدىن سىرت، تۇخۇم تەركىبىدىكى مېتىئونىن ئۇزاق ۋاقىت قىزىش ئارقىلىق سۇلفىدلار يىغىلىپ ئۆزگىرىپ، تۇخۇم ۋە تۇخۇم سېرىقى تۆمۈر ماددىسىدا تەسىر پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق تۆمۈر سۇلفىدنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە تەسىر يېتىپ، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرى بولىشىغا زىيان يېتىدۇ.
پۇشۇرۇشتىن بۇرۇن تۇخۇمنى سوغۇق سۇغا بىر ئاز چىلاپ قويۇڭ، بۇ ئارقىلىق تۇخۇم ئىچىدىكى ھاۋا بېسىمىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ؛ ئاندىن سۇس ئوتتا سوغۇق سۇدىكى تۇخۇمنى پۇشۇرىمىز، بۇ ئارقىلىق تۇخۇمنىڭ يېرىلىپ، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ تۆۋەنلە كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
كونكىرت ئۇسۇلى: كورىغا سوغۇق سۇ قۇيۇپ، 5مىنۇت قاينىغاندىن كېيىن ئالىمىز. باكتىرىيەنى ئۆلتۈرۈپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر