بەدەندىكى قايسى بېشارەتلەر تۇزنى كۆپ يەۋالغانلىقىڭىزنى ئەسكەرتىپ بېرىدۇ؟

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/29 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئاساسلىقى تۆۋەندىكى 5خىل بېشارەت:
1. قول بارماقلىرى توملاپ كېتىش
ئەگەر سىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىڭىزدا ھېچقانداق ئۆرلەش بولماي، تاقىۋالغان ئۈزۈكىڭىزدە تۇيۇقسىز چىڭ بولۇپ كىچىك كېلىپ قالغاندەك تۇيۇلسا، بۇ سۇ يىغىلىپ قالغانلىقنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر سىز يېقىندا تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلىۋالغان بولسىڭىز مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.
2. ئېغىز قۇرۇش
ئەگەر ئاغزىڭىز خۇددى پاختا يەۋالغاندەك تۇيۇلسا، يەنىلا تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلىۋالغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ناترىي بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، بەدەندە تۇز بىلەن سۇنىڭ مىقدارى تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىدۇ. بۇ تەڭپۇڭلۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بىز كۆپ سۇ ئىچىپ بېرىشىمىز كېرەك. شۇڭلاشقا، چوڭ مېڭە ئۇسسىغانلىق ئىنكاسىنى بېرىپ، ئېغىز قۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. باش ئاغرىش
ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، كۈندە 1500مىللىگرام ناترىي قۇبۇل قىلغان ئادەمگە نىسبەتەن، كۈندە 3500مىللىگرام ناترىي قۇبۇل قىلىدىغان ئادەملەردىن قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ باش ئاغرىش ئېھتىماللىقى 1/3نىڭ يۇقىرى.
4. كىچىك تەرىتى كۆپ بولۇش
سۇنى جىق ئىچىش ھەرگىزمۇ كىچىك تەرەتنىڭ كۆپ بولۇشتىكى بىردىنبىر سەۋەب ئەمەس. ئادەمنى چۆچۈتىدىغىنى تۇزنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىۋالسىمۇ ئوخشاش ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. كۆپ مىقداردىكى تۇز بەدەنگە كىرگەندە بۆرەكنىڭ خىزمىتى ئېشىپ، ئارتۇق تۇزنى تازىلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىچىك تەرەتنىڭ كۆپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
5. ئىنكاسى ئاستا بولۇپ قېلىش
تۇزنى كۆپ ئستېمال قىلىۋالسا ئادەمنىڭ بەدىنى سۇسىزلىنىپ كېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئادەمنىڭ ئېنىق پىكىر قىلىش ئىقتىدارى بىردىنلا تۆۋەنلىشىپ كېتىدۇ. تەكشۈرۈشتە دېيىلىشىچە، ئادەم بەدىنىدىكى سۇ تەركىبى تولۇق بولغان ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېنىك دەرىجىدىكى سۇسىزلىنىش خانىم-قىزلارنىڭ دىققەت ئېتىبارى، ئەستە تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى، يەكۈن چىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئىنكاسى نورمال ۋاقىتتىكىدىن ناچارلىشىپ قالىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، سۇسىزلىنىش ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى بىردىنلا تۆۋەنلەشتۈرىۋېتىدىكەن.
ئەڭ ئاخىرىدا ئەلداۋا كىچىك تەھرىرى كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تاماققا ئىشلىتىلىدىغان تۇزدىن باشقا يەنە يوشۇرۇن تۇزلارغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، جياڭيۇ، قىزىل دۇفۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە كۆپ مىقداردا تۇز بار. ئەگەر قورۇمىلارغا تەركىبىدە تۇز كۆپ بولغان تېتىتقۇلارنى سالماقچى بولساق، مۇۋاپىق نىسبەتتە قورۇمىغا سالماقچى بولغان ئاش تۇزىنى ئازايتىشىمىز كېرەك. بۇنى ئەتراپىمىزدىكىلەرگە كۆپ تەۋسىيە قىلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ئىستېمال قىلىپ ساغلام ياشايلى.

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر