بەدەندىكى زەھەرلەرنى تازىلايدىعان بىر قىسم يمەكلىكلەر

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

سەۋزە سىمابنى ئۈنۈملۈك تازىلايدىغان يېمەكلىك. سەۋزىنىڭ تەركىبىدىكى مول مىقدارلىق مېۋە يېلىمى سىماب بىلەن بىرىكىپ، قاندىكى سىماب ئىيونىنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ. كۈندە ئازراق سەۋزە ئىستىمال قىلىنسا، ئاشقازاندىكى قان ئايلىنىشىنى غىدىقلاپ،ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، كېسەل پەيدا قىلىدىغان قېرىتقۇچى ئەركىن رادىكاللارغا قارشى تۇرغىلى بولىدۇ.

سامساقتىكى ئالاھىدە تەركىب بەدەندىكى قوغۇشۇننىڭ مىقدارىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ.ئۈزۈم جىگەر، ئۈچەي، ئاشقازاننڭ بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە قاننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى كۈچەيتىدۇ.ئەنجۈر تەركىبىدە ئورگانىك كىسلاتا ۋە كۆپ خىل ئېنزىم بولۇپ، جىگەرنىڭ زەھەر تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ئاشقازاندىكى ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

ئەمدى بۆرەكتىكى زەھەرنى تازىلاشقا ياردەم بېرىدىغان يېمەكلىكلەرنى تونۇشتۇرىمىز

تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ. ئۇنىڭ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بولۇپ، سۈيدۈك يولىنى تازىلاپ، بۆرەكنىڭ سۈيدۈك يولىدىكى زەھەرنى تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كاۋا ماددىسى، تەرخەمەك كىسلاتاسى ئۆپكە، ئاشقازان، جىگەر قاتارلىقلارنىڭ زەھەر تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.گىلاس ئەڭ قىممەتلىك دورىلىق يېمەكلىك بولۇپ، بۆرەكنىڭ زەھەر تازىلىشىغا ئالاھىدە ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭ يەنە تەرەت راۋانلاشتۇرۇش رولى بار.

ئەمدى ئاشقازاننى سىلىقلاپ، زەھەر تازىلايدىغان يېمەكلىكلەرنى تونۇشتۇرىمىز

قارا قېرىنقۇلاقنىڭ تەركىبىدىكى ئۆسۈملۈك يېلىمىنىڭ بىر قەدەر كۈچلۈك يېپىشتۇرۇش رولى بولۇپ، ھەزىم قىلىش يولىدا تۇرۇپ قالغان چاڭ-توزان ئارىلاشما ماددىلىرىنى ئۆزىگە يېپىشتۇرۇۋېلىپ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىپ، ئاشقازاندىكى زەھەرنى تازىلاش رولىنى ئوينايدۇ.

لامنارىيەنىڭ تەركىبىدىكى يودلار ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلگەندىن كىيىن كېسەللىك باكتېرىيەسى ۋە ياللۇغلىنىشتىن پەيدا بولغان ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنىلىتىدۇ، ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، زىيانلىق ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ، لامنارىيەنىڭ تەركىبىدىكى كۆپ قەنتلىك سولفات كىسلاتا قاندىكى خولېستېرىننى سۈمۈرۈۋېلىپ، بەدەننىڭ سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاپ، قاندىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ.

ئالمىنىڭ تەركىبىدىكى گالاكتۇرونىك كىسلاتا زەھەر تازىلاشقا پايدىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مېۋە يېلىمى يېمەكلىكنىڭ ئاشقازان يولىدا چىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

بۆلجۈرگەن تەركىبىدە مول ئورگانىك كىسلاتا، مېۋە يېلىمى ۋە مىنېرال ماددا بولۇپ، ئاشقازاننى تازىلاپ،جىگەرنى قۇۋەتلەيدۇ.

ھەسەلنىڭ ئاساسلىق تەركىبى گىلۇكوزا، مېۋە كىسلاتاسى بولۇپ، ئاسان قوبۇل قىلىنىدۇ. ھەسەلنى كۆپ يېسە زەھەرنى تازىلاپ، ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر