گۈلنىڭ ئەتىيازلىق ياخشى ئوغۇتى- توخۇ مايىقى

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئۈزۈندە  : توخۇ مايىقى باشقا ئۆي قۇشلىرى مايىقى، ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ قىغىغا سېلىشتۇرغاندا ئۈنۈمى يۇقىرى، نىسبەتەن ئاسان پارچىلىنىدىغان، ئېچىغاندىكى تېمپېراتۇرىسى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان ئەلا سۈپەتلىك ئورگانىك ئوغۇت

 1 . تەركىبى ۋە ئۈنۈمى   

  توخۇ مايىقى باشقا ئۆي قۇشلىرى مايىقى، ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ قىغىغا سېلىشتۇرغاندا ئۈنۈمى يۇقىرى، نىسبەتەن ئاسان پارچىلىنىدىغان، ئېچىغاندىكى تېمپېراتۇرىسى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان ئەلا سۈپەتلىك ئورگانىك ئوغۇت. توخۇ مايىقى تەركىبىدە %50.5 سۇ، %25.5. ئورگانىك ماددا، %1.63ئازوت، %54.1 فوسفور، %0.85كالىي بار، يەنە مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنت ۋە ۋىتامىن B نىسبەتەن مول بولۇپ، كەپتەر مايىقىدىن قالسىلا 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ. مەنبەسى كەڭ، تەننەرخى تۆۋەن بولۇپ، ناھايىتى ياخشى گۈل ئوغۇتى ھېسابلىنىدۇ.    توخۇ مايىقىنىڭ ئۈنۈم بېرىش ۋاقتى ئۇزۇن بولغاچقا، ئەتىيازدا گۈل تېرىغاندا ئاساسىي ئوغۇت قىلىشقا بولىدۇ. 1 يىلغىچە كۈچى يوقىمايدۇ. تۇپراقنى كۈچلەندۈرىدۇ. گۈلنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپ، غولى توم، تۈپلىنىشى ياخشى بولىدۇ، يوپۇرماقلىرى قېنىق، قېلىن ئۆسىدۇ، گۈلى چوڭ، رەڭگى چىرايلىق، ئۇزۇنغىچە ئېچىلىدۇ. قوشۇمچە ئوغۇت قىلسا 1 قېتىم ئوغۇتلىسا 2 ئايغىچە ئۈنۈمى كەتمەيدۇ.

 2 . ساقلاش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى 

   1) توخۇ مايىقى تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قويۇقلۇقى يۇقىرى بولۇپ، ئاسان ئېرىيدۇ، ئەمما ئازوتنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ساقلاش ئۇسۇلى 2 خىل: بىرى، توخۇ مايىقىغا %5 لىك كالتسىي سۇفېرفوسفات (گولىنسۇەنگەي 钙酸磷过) قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن دۆۋىلەپ لاي بىلەن سۇۋاپ ھىم ساقلاش; يەنە بىرى، ئېدىشتا ساقلاش، يەنى ئېدىشقا ئوغۇتنى قاچىلىغاندىن كېيىن ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ، ئاغزىنى سۇلياۋ بىلەن ھىم ئېتىپ ياخشى ئېچىتىش، 3 ئاي ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئىشلىتىش لازىم. ئاساسىي ئوغۇت قىلغاندا ئۇسۇپ بىۋاسىتە ئىشلەتسە بولىدۇ، قوشۇمچە ئوغۇت قىلغاندا ئازىراق سۇيۇلدۇرۇپ ئىشلىتىش لازىم.

 2   )  توخۇ مايىقى ئىسسىق خۇسۇسىيەتلىك ئوغۇت بولۇپ، ئۈنۈمى ياخشى، ئەمما ئېچىتماي ئىشلەتمەسلىك ھەم ئوغۇتلاش مىقدارىنى ئاشۇرىۋەتمەسلىك كېرەك. ئوغۇتلىغاندا مەيلى يەردە ئۆستۈرۈش بولسۇن، مەيلى تەشتەكتە ئۆستۈرۈش بولسۇن ماياقنى يىلتىزدىن 5cm يۇقىرىسىغا بېرىش كېرەك، بولمىسا يىلتىزنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر